تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى: پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ لىۋېي): «قىشتىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش ئىكەن. مۇئەللىم سۆزلىگەن مەزمۇن ئەمەلىيەتكە يېقىن، مەن يېڭى ئۆگەنگەن بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىكنى ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيمەن.» دېدى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى نورچوققا كەنتىدىكى بېيىش ماھىرى مەمەت ھاشىم دېھقانلارنى تور ۋە تور سىرتىدا بىرلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا.

  2020-يىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يۇقىرى ساپالىق دېھقانلار، يېڭىچە ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ باشلامچىلىرى، يېزا كەسپىي دىرېكتورلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئىگىلىرىدىن 1450تىن ئارتۇق كىشىنى، 90 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىنى تەربىيەلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئەمەلىي تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش نىسبىتىنى %90تىن ئاشۇردى ھەمدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 8000دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى تەربىيەلەپ، «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش»نى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ھەقىقىي يۈزلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا تارماقلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تايىنىپ، قىشلىق، ئەتىيازلىق پەن-تېخنىكا تەجرىبىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بېيىش باشلامچىلىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى. كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت ئەترىتى، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى، يەرلىك مۇتەخەسسىسلەر، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ماھىرلىرى، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار قاتارلىق توپلارنى توپلاپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ ئېھتىياجىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى