تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلا غەيرەتكە كېلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بىز تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسىغا سەمىمىي سالام يوللايمىز! سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، بىز يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!

تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ قالتىس تۆھپىسى ۋە يۈكسەك روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى قىزغىن تەرىپلىدى، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا چىڭ تايىنىپ يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان سوتسىيالىستىك دۆلەت، پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن-ئاخىر جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، باشتىن-ئاخىر ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، باشتىن-ئاخىر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.» ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «بىز ئىشچىلارنىڭ كۈچىمىز بار» دېگەن ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتى، ھەرقايسى سەپلەردە قەھرىمانلار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلدى، ئىلغار نەمۇنىچىلار نۇر چاچتى. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىسى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى بىلەن ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىختىساسلىقلار قىممەتلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، «جۇڭگو ئارزۇسى − ئەمگەك گۈزەل» يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ھەيۋەتلىك كۈرەشتە، زور بىر تۈركۈم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر بارلىققا كەلدى، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتتە بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تەقدىرداش بولۇشتەك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى تاۋلىدى، ئۇلار يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار بولۇشقا مۇناسىپ! ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، زامانىمىزدىكى جۇڭگودا ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما باشتىن-ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان تۈپ كۈچ بولۇپ كەلدى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى، خەلقنىڭ ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى!

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى زور پەللىگە كۆتۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى. 2021-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز «14-بەش يىل» مەزگىلىگە كىرىدۇ، بۇ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان تۇنجى بەش يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا، جەزمەن ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا چىڭ تايىنىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا يولغا چىقىش كېرەك.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز جەزمەن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، تارىخ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، قان-تەرىمىز بىلەن سۇغىرىپ ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ناخشىسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دەۋر يېڭى شان - شەرىپىنى يارىتىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى