شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جوسىف بايدېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كامالا خاررىسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.