تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىل»لىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تەكلىپىنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى شىنجاڭنىڭ كادىرلار تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگە كىرگۈزۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت-ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاش، ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئادەمنى يادرو قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا-تىجارەت مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى مەردانىلىك بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.