تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جىڭنىڭ «قىزىل مېۋە»سى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى

يېشىل بولۇش ئاساس قىلىندى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىلدى

جىڭنىڭ «قىزىل مېۋە»سى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېشىل تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشنى ئالغا سىلجىتتى، ئالقات كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، «قىزىل مېۋە» دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى.

«سۈپەت ئەۋزەللىكى» گەۋدىلەندى

ئالقات كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنىڭ پايدىسىدا، جىڭ ناھىيەسىدىكى ئالقات ئۆستۈرۈش ئائىلىسى جاڭ شياڭشېڭنىڭ كۈنلىرى خۇشال ئۆتتى.

«مەن بىلەن دادام ئىككى ئەۋلاد ئالقات ئۆستۈرگەن، ئىلگىرى بىرنەچچە مو يەردە تارقاق ئۆستۈرەتتۇق، كۆلەملەشمىگەچكە، يىللىق كىرىمىمىز ئاران 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى.» جاڭ شياڭشېڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كىرىمىمىزمۇ ئاشتى، ھازىر يىللىق كىرىمىمىز 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردا ئاساسلىقى ئائىلىلەرنىڭ تارقاق ئۆستۈرۈشىگە تايانغاچقا، كەسىپلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، ئۇزاققىچە قۇرۇق مېۋە ھالىتىدە سېتىشتەك دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرغانىدى.

قانداق قىلغاندا «كۆلەم ئەۋزەللىكى»نى «سۈپەت ئەۋزەللىكى»گە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ جىڭ ناھىيەسى ئىشنى ئەلا سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، بىر قاتار مالىيە، پۇل مۇئامىلە يانداش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالقاتنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالقات ئۆستۈرىدىغان دېھقانلارنى مەنبەدىن يېشىل ئالقات مەھسۇلاتى يارىتىشقا يېتەكلىدى.

«ئائىلىۋى ئۆستۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشكىچە، زىيانسىز ئۆستۈرۈشتىن يېشىل ئۆستۈرۈشكىچە، ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئۆستۈرۈشتىن ماشىنىلاشقان ئۆستۈرۈشكىچە، جىڭ ناھىيەسى يۇقىرى ئۆلچەملىك يېشىل ئالقات ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلماقتا» دېدى جىڭ ناھىيەلىك ئالقات كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئالىي ئىنژېنېر جاۋ يۈلىڭ.

بۇ يىل جىڭ ناھىيەسى 20 مىڭ 400 مو يەردە يېڭىدىن ئالقات ئۆستۈردى، ئومۇمىي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 134 مىڭ موغا يەتتى. ئۈچ كۆچەت يېتىشتۈرۈش كارخانىسىنى يېتىشتۈرۈپ، يىلىغا 10 مىليون تۈپتىن ئارتۇق سورتلۇق ئالقات كۆچىتى يېتىشتۈرۈپ، سېتىش كىرىمىنى 20 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى.

«قىزىل نام كارتىسى» نۇرلاندى

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىر جىڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان جىڭ ناھىيەلىك چىرۇي بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چىرۇي شىركىتى دەپ ئېلىندى)گە كىرگەندە، ئىشچىلار پىششىقلاش سېخىدا ئالقات ئىلغاۋاتاتتى.

«نۆۋەتتە، شىركىتىمىز ئالقات شەربىتى، ئالقات پىۋىسى، ئالقات كىۋاسى، ئالقات ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق، ئالقاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ بىن.

جىڭ ئالقىتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جىڭ ناھىيەسى ئالقات پىششىقلاش كارخانىسىدىن 13نى، توردا سېتىش كارخانىسىدىن 46نى، تور دۇكىنىدىن 200دىن كۆپرەكنى كىرگۈزۈپ، يۆلەپ، خاس سۈپەتلىك ماركىدىن 23نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئالقات پىۋىسى، قىيامى، ئېنزىمى، كاپسۇلى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلاردىن 20 نەچچە خىلنى ئاچتى.

بۇ يىل، جىڭ ئالقىتى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى، ئالقات قۇرۇق مېۋىسى ھەم ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلاردىن 4500 توننىدىن ئارتۇقى ئېكسپورت قىلىنىپ، ئامېرىكا، كانادا، ھىندىستان، سىنگاپور، ياپونىيە قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا سېتىلىپ، 14 مىليون 772 مىڭ 200 دوللار تاشقى پېرېۋوت يارىتىلدى.

«پەقەت جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئالقات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل ئورگانىك سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات يولىدا ماڭغاندىلا، جىڭ ئالقىتى بازاردا ئۇزاققىچە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ساقلىيالايدۇ» دېدى جاۋ يۈلىڭ.

دېھقانچىلىق بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئالقات كەسپىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىدىن ئاكتىپ پايدىلاندى. نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسى مەركەزلىك ئۆستۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش، سەيلە - ساياھەت قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

«<مەھسۇلاتنى ھېس قىلىش+ساياھەت> ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئالقات ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي بولغان جىڭ ناھىيەسىدە تېخى قويۇق ئالقات مەدەنىيىتى شەكىللەنمىدى، قۇرۇلۇپ بولغان 15 ئالقات ئۈزۈش باغچىسى ۋە 8500 مولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا ئالقات مەدەنىيىتى ساياھەت ئەسلىھەلىرى تېخى يانداشتۇرۇلۇپ قۇرۇلمىدى» دېدى جاۋ يۈلىڭ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، جىڭ ناھىيەسى ئالقات كەسپى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالقات مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرەك قىلىپ، ئالقات مەدەنىيىتى مۇزېيى، كۈتۈنۈش - ساقلىقنى ساقلاش سارىيى، ئىستىراھەت سەيلە - ساياھەت ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئالقات مەدەنىيىتى خاسلىقىغا ئىگە كىنو - فىلىم، ئەدەبىي ئەسەر، ھۆسنخەت ۋە رەسىم، فوتو سۈرەت قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى پائال يارىتىپ، ئالقات كەسپى بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جاۋ يۈلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جىڭ ناھىيەسى ئالقات كەسپى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئالقات كەسپىدىن پايدىلىنىپ يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە ساغلاملىق - كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالقات كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

(مۇخبىرلار لياڭ لىخۇا، جېن شىشىن، دوۋ شىڭجۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى