تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالا ئوبلاستىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ جېندۇڭ): 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ مىقدارى جەمئىي 714 مىڭ 800 پارچىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.35 ئاشتى، تېز يەتكۈزۈش كەسپى كىرىمى جەمئىي 24 مىليون 777 مىڭ 400 يۈەن بولدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، «تېز يەتكۈزۈش كەنتلەرگە كىرىش» تور قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-بازارلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، «تېز يەتكۈزۈش + ئېلېكتىرونلۇق سودا + يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى + دېھقانلار ئائىلىسى» كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى پائال كېڭەيتتى ھەم «تېز يەتكۈزۈش كەنتلەرگە كىرىش»نى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئاساسلىق تۇتقا قىلىپ، پوچتا كارخانىلىرى، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ «پوچتا تېز ھەمكارلىق»، «تېز ھەمكارلىق» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلاردىكى تېز يەتكۈزۈش «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بورتالا ئوبلاستىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تورىنى ئوبلاست، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە ئۇزارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ئوبلاستلىق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ فەن.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز پىلانلاش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە تېز يوللانما ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، مەركەزلىك ماكانلىشىش، بىرتۇتاش ئايرىش، كۆلەملەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. نامراتلارنى يۆلەش، سودا، تېلېگراف قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك تېز يەتكۈزۈش ئېلېكتىرونلۇق سودا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىمىز ھەمدە <تېز يەتكۈزۈش كەنتلەرگە كىرىش>نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆرلىشىنى تېزلىتىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.» دېدى جاڭ فەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى