تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

يەرلىك شاپتۇللار «ئالتۇن مۇنەك»كە ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ ياۋېن خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۆزىنىڭ شاپتۇللۇقىدىن بىر دانە يەرلىك شاپتۇلنى ئۈزۈپ كۆرگەندىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى كالېۋىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابلا بارات نىياز مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل پەرۋىش بىر قەدەر ياخشى بولدى، بۇ شاپتۇلنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن يېرىم جىڭ كېلىدۇ». ئۇنىڭ نەزەرىدە، قولىدىكى بۇ يەرلىك شاپتۇل كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى «ئالتۇن مۇنەك» ئىدى.

  ئابلانىڭ يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا 10 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، كەنتتە خېلى نامى بار، تەجرىبىسى مول بولغاچقا، ئۇنىڭ يەرلىك شاپتۇللىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، پايدىسى يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى. «ئائىلىمىزنىڭ 17 مو يەرلىك شاپتۇلى بار، بۇ يىل 170 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالىشىم مۇمكىن، بۇلتۇر مەن يەنە 10 مو يەرگە يېڭىدىن شاپتۇل كۆچىتى تىكتىم، كېلەر يىلى مېۋە بېرىدۇ» دېدى ئابلا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كالېۋىي كەنتىنىڭ سۇ بايلىقى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، بۇنداق تەبىئىي شارائىتتا يەرلىك شاپتۇلنىڭ سۈپىتى ئۆزگىچە، پوستى نېپىز، شىرنىسى كۆپ، ئېغىزغا كىرسىلا ئېرىيدۇ. ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىش ئارقىلىق، كالېۋىي كەنتىدىكى يەرلىك شاپتۇللار يىراق-يېقىنغا تونۇلۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئەمما ئىلگىرى بۇ كەنتتىكى نۇرغۇن دېھقانلار يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈشنى خالىمايتتى.

  «باشقا سورتلۇق شاپتۇللارغا سېلىشتۇرغاندا، يەرلىك شاپتۇلنىڭ كۆرۈنۈشى رەڭدار ئەمەس، ئېتى يۇمشاق، توشۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاختىكى ۋاقتى قىسقا، شۇڭا كەنت ئاھالىلىرى كۆپ تېرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان» دېدى خوتەن ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ كالېۋىي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئەنۋەرجان ئەركىن.

  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك شاپتۇل سورتلىرىنى ئۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى زور كۈچ بىلەن يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشنى قارار قىلدى.

  «كەنتنىڭ يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈش ئەۋزەللىكى بار، بىز يەرلىك شاپتۇلنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدۇق» دېدى ئەنۋەرجان، خىزمەت ئەترىتى يەرلىك شاپتۇلنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش تۈرىنى كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، كالېۋىي كەنتىدە ھەممە ئائىلىدە شاپتۇل كۆچىتى بار بولۇپ، كەنت بويىچە تەخمىنەن 1500 مو يەرگە شاپتۇل كۆچىتى تىكىلىپ، ھەر مو يەردىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى. كالېۋىي كەنتىدىكى يەرلىك شاپتۇلنىڭ داڭقى چىقىشقا ئەگىشىپ، نۇرغۇن سودىگەرلەر كەنتكە كېلىپ يەرلىك شاپتۇلنى تالىشىپ سېتىۋالدى.

  يەرلىك شاپتۇلدىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلدە، خوتەن شەھىرىدىكى مېۋە-چېۋە دۇكىنىنىڭ لوبىنى سۈن كەي ھەر كۈنى كالېۋىي كەنتىگە كېلىپ نۇقتىدا تۇرۇپ سېتىۋالاتتى. «كالېۋىي كەنتىدىن چىقىدىغان يەرلىك شاپتۇللارنىڭ تەمى تاتلىق، كەنت يەرلىك شاپتۇل ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتكەندىن بۇيان، مەن ھەر يىلى كەنتكە كېلىپ يەرلىك شاپتۇل سېتىۋالىمەن، سېتىشتىن ئازراقمۇ غەم قىلمايمەن» دېدى سۈن كەي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى