ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي قىسمى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك ئەمەس.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېيىن بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃10، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.
بۈگۈنكى ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ سەنتەيدىن تولى بۆلىكىگىچە، G217 لىنىيەسىنىڭ چياۋئېرمادىن ئاغۇ بۆلىكىگىچە، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G3013 لىنىيەسىنىڭ قەشقەردىن ئاقسۇغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، بوزياردىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى.
قىش پەسلىدە مېڭىپ چېنىقىش بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ھەر كۈنى تەخمىنەن 6000-10000 قەدەم مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ياشانغانلار ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق چېنىقىپ بەرسە بولىدۇ.