تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن ناھىيەسى: قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ئىككى قىرغاقتىكى كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ جيەنلياڭ): «بۇ كۆۋرۈك ھەر ھالدا رېمونت قىلىنىپ بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ شىگوبى بازىرىغا بېرىشىمىزمۇ ئون نەچچە مىنۇتلۇق يول بولدى، بەك قولايلاشتى.» 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن ناھىيەسى بورتۇڭگى يېزىسىنىڭ ئاھالىسى جۇماغازى كەنجىبېك شۇنداق دېدى.

ساۋەن ناھىيەسىنىڭ شىگوبى بازىرى بىلەن بورتۇڭگى يېزىسى جىنگۇخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان، ئىككى قىرغاقنىڭ قىرغاق تېمىنىڭ ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، گەرچە ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى قىرغاق ئاھالىلىرى بېرىش-كېلىشتە پەقەت ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى، كۆپچىلىك جىگۇخې دەرياسىغا بىر كۆۋرۈك سېلىنىشىنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى.

ئىككى قىرغاقتىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، «شىگوبى-بورتۇڭگى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈكى»دە 2019-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 396 مېتىر، كۆۋرۈكنىڭ كەڭلىكى 7.5 مېتىر بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ئالتە كىلومېتىردىن يول باشلانغان. «شىگوبى-بورتۇڭگى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈكى»نىڭ ئاساسىي قىسمى قوزۇقلۇق كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 45 مېتىر، ئېگىزلىكى 18 مېتىر كېلىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى كۆۋرۈك سۇپىسى ئىچكى تاختىلىق كۆۋرۈك سۇپىسى بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېقىن باشلاش توسمىسى كۆپەيتىلىپ، جىنگۇخې دەرياسى كەلكۈن مەزگىلىدە كۆۋرۈكنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

«شىگوبى-بورتۇڭگى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈكى»نىڭ پۈتۈپ ئىشلىتىلىشى قاتناشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، غەربىي شىگوبى بازىرى ۋە بورتۇڭگى يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بورتۇڭگى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چاڭيوۋ مۇنداق دېدى: «تۈر قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، شىگوبى بازىرىدىن بورتۇڭگى يېزىسىغىچە بولغان يول يۈرۈش ئارىلىقى ئۈنۈملۈك قىسقارتىلىپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى جاينىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جەھەتتىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەۋزەل بايلىقىدىن ئۆزئارا تولۇقلاپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەت، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى