تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تۆت نەپەر مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بېيجىڭدا تەقدىرلەندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چېن شىن): 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۆت مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى تەقدىرلەندى.

  بايىنغولىن ئوبلاستىدىن بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى: كورلا شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۇل ساناش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ جۈنخۇڭ، شىنجاڭ تۇڭئوۋ نېفىتلىكى تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە رېزبا چىقىرىپ پىششىقلاش سېخى رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل ئىشچىسى، ئالىي ئىشچى جاڭ خۇڭبو، جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى كارخانىسىنىڭ باش تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى ياڭ خەيجۈن، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئېنېرگىيە مەركىزى يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمى كۆمۈر يەتكۈۈزۈش گۇرۇپپا باشلىقى نۇرمەمەت قۇربان.

  مۇخبىر تېلېفوندا ئىككى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بىلەن ئالاقىلاشتى. جۇ جۈنخۇڭ مۇنداق دېدى: «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ھەم ئىلھاملاندۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ھەيدەكچىلىك قىلىش، مېنىڭچە زىممەمدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، خىزمىتىمنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى قاتناش ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.»

  جاڭ خۇڭبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ۋە چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، مەن خىزمەت جەريانىدا تېخىمۇ تىرىشىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئاخىرغىچە ئېھتىياتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 2015-يىلى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر تەقدىرلەنگەندىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق تەقدىرلەش ئىكەن. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مەملىكەتلىك تەييارلىق كومىتېتى ئىشخانىسى بەلگىلىگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قاتلاممۇقاتلام تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، تەرتىپنى دەل جايىدا ئادا قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى دەل جايىدا ئىگىلەشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم «بايىنغولىن گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى