تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خېبىي-شىنجاڭ باج تارماقلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ «چىلان سېتىش» خاتىرىسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار جوۋ لىنەن، لى رۈيبو): ئالتۇن كۈز 10-ئاي دەل شىنجاڭ چىلىنىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان پەسل. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۈچ 1-شۇجىسى جابدۇنۇپ، يەنە بىر قېتىم خېبېي ساڭجوۋغا بېرىپ، شۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن شىنجاڭنىڭ چىلىنىنى سېتىۋېلىش-سېتىش تۈرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى بولدى.

    ۋاقىتنى 2019-يىلى 12-ئايغا قايتۇرساق، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ئاساسلىق كەسىپ بولغان 10 مىڭ موغا يېقىن چىلان سېتىلماي قالدى. جىددىي پەيتتە، خېبېي، شىنجاڭ ئىككى جايدىكى باج تارماقلىرى باج يىغىش سانلىق مەلۇماتىغا تايىنىپ، چىلان ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش زەنجىرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، شىنجاڭدىكى چىلانچى دېھقانلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. 2020-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭدىكى باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى، يېزا-بازارلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى تولۇپ-تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى بىلەن، تۇنجى قېتىم خېبېينڭ ساڭشيەن ناھىيەسىگە بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش توغرىسىدا رەسمىي كېڭەشتى. خېبېي باج سىستېمىسى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كۆۋرۈك بولۇپ، شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خېبېيدىكى ئىككى باشلامچى كارخانىنىڭ شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن چىلان سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈپ، 10 مىڭ مو يەردىكى چىلانغا مۇددەتتىن بۇرۇن خېرىدار تېپىپ، شىنجاڭدىكى چىلانچى دېھقانلار بىلەن خېبېي چىلان سودىگەرلىرىنى قوش پايدا ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «خېبېي باج تارماقلىرى زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىككى جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنات–سودىسى ئۈچۈن كۆۋرۈك بولۇپ، سېتىۋېلىش-سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باج ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى شىنجاڭ باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش ئىقتىسادىي مۇپەتتىش بەي يۈەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، خېبېيغا 2-قېتىم بېرىپ كېڭەشكەندىن كېيىن، ساڭشيەن ناھىيەسىدىكى باج تارماقلىرىنىڭ پائال ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، شۇ جايدىكى ئۈچ باشلامچى كارخانا سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نەچچە 10 چىلان مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭ ئاقسۇغا بېرىپ چىلان يىغىۋالدى. «يۇقۇم سەۋەبىدىن چىلاننى قانداق ساتامەن دەپ بېشىم قاتقانىدى، خىزمەت ئەترىتى ماڭا ياردەملىشىپ ئالاقىلىشىپ بەردى، خېبېيلىق لاۋبەنلەر كېلىپ چىلان يىغدى، مەن تېخى بۇلتۇرقىدىن 3000 يۈەنلىكتىن ئارتۇق ساتتىم، ناھايىتى خۇشال بولدۇم» دېدى سۆگەتئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇتەللىپ مولنىياز.

  «ھازىر تور سۇپىسىدىكى چىلان ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، ئاقسۇ چىلىنى سۈپەت، باھا جەھەتتىن ئەڭ مۇۋاپىق پىششىقلاش خام ماتېرىيالى بولۇپ، باج تارماقلىرى <ئەلچى> بولۇپ بىزگە ياخشى ھەم ئەرزان چىلان مەنبەسى تېپىپ بەردى» دېدى ساڭجوۋ سىخۇڭ چىلانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى لى كېگاڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، خېبېي-شىنجاڭ باج تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھازىر خېبېيدىكى چىلان مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرى شىنجاڭ چىلىنىدىن 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق سېتىۋالغان. ئىككى جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش زەنجىرىنىڭ راۋانلىشىشى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، خېبېينىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى