تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش

  ئانار بۇلۇت: «كەنتتە دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەن دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا بۇ يەرگە كېلىپ كىتاب كۆرۈپ، نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، كۇتۇپخانا يەنە پارتىيە ئەزالىرىغا ئۆگىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، قەرەللىك ھالدا پارتىيە دەرىسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندىم. مەن ناھايىتى تەلەيلىك، دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق ياخشى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، يۇرتۇمنىڭ كۈنسىرى يېڭىلىنىۋاتقان، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدىم.» دېدى توقسۇ ناھىيەسى چوڭ قېچىچى كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئايشەم ياسىن بەختلىك ھالدا.

  پەيشەنبە بازار يېزىسى چوڭ قېچىچى كەنتىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىسىغا كىرسىڭىز، كىتابلارنىڭ تىزىلىشى رەتلىك، تۈرلىرى تولۇق، كىتاب مەزمۇنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئوقۇش كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلىدى. ئىشىك ئالدىدىكى كىتاب ئارىيەت ئالغۇچىلار دەپتىرىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب كۆرۈش ئۇچۇرى خاتىرىلەنگەنىدى.

  «يېزىمىز ھەرقايسى كەنتلەردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى تەشكىللەپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ياخشى رېپېتىتسىيە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ مول، رەڭدار مەنىۋى مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلىدى.» دېدى پەيشەنبە بازار يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئازادەم ئادىل.

  ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى جەننەتگۈل نىياز مۇنداق دېدى: «دېھقانلار كۇتۇپخانىسىنى ئېچىۋېتىش بەك ياخشى بولدى، يېقىندا، بىز پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنى تەشكىللەپ، چوڭ قېچىچى كەنتىدىكى دېھقانلارغا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدۇق، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى پارتىيە ئەزالىرى بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پۇقرالارنىڭ قەلبىگە تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيشەنبە بازار يېزىسىدىكى دېھقانلار كۇتۇپخانىسى «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشى»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى 17 دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىللىق، كۆركەم كىتاب ئوقۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، «تۇرمۇش كىتاب ئوقۇش پائالىيەت ئۆيى»، «پارتىيە قۇرۇلۇشى مەدەنىيەت مەقسىتى»، «پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيەت رايونى»دىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئورۇندا چىڭ تۇرۇپ، كىتاب ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، «پۈتۈن كەنتتە كىتاب ئوقۇش»تەك ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق، پائالىيەت شەكلى يېڭى، كەنت ئاھالىلىرى شادلىققا تولغان «مەدەنىيەت توك قاچىلاش پونكىتى» بەرپا قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كىتاب ئوقۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆيگىچە كىتاب يەتكۈزۈش، سەييارە كۇتۇپخانا قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى، شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى كىتابلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى ھەمدە دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ھەرقايسى كەنتلەرگە كىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغاردى.

 (توقسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى،چى چىڭگۈي)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى