تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يول باشلاپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پولات ئېقىم مەۋج ئۇرۇش

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىقنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شۆيۇڭ، لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ، ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى مۇخبىرلىرى فېي شىتىڭ، چيەن زۇڭياڭ

كەچ كۈز پەسلىدە، تاغ - دەريالار گىرەلىشىپ كەتكەن چاۋشەن تۇپرىقىدا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مەشىقنى كۈچەيتىش دەۋر بۇرغىسى ياڭرىدى.

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشەن رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئەزەلدىن «ئوتتا تاۋلانغان خەنجەر» دەپ نامى بار دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دىققەتنى ھەربىي مەشىققە مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم يوليورۇق بەردى −

«ئۇرۇش ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىنى يېتەكچى قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاراتمىلىقى بولغان، تىركىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى كۈچەيتىپ، قىيىن، تەلەپچان بولۇشتىن باشلاپ قىسىملارنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇش كېرەك. ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيەسى، مەشىق ئەندىزىسى، ۋەزىپە بويىچە گۇرۇپپا تەشكىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك».

باش قومانداننىڭ چاقىرىقى جاراڭلىق، كۈچلۈك بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم ياڭراپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىقنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا جەزمەن مەشىقنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان نەنخەي ھەربىي پورتىدىن كۆز يەتكۈسىز مۇزلۇق بىلەن قاپلانغان شىمالدىكى رايونلارغىچە؛ ھەممە تەرەپكە تەدبىر بەلگىلەيدىغان قوماندانلىق تۈگۈنىدىن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش بىرىنچى سېپىگىچە... ئارمىيەمىزنىڭ باش قوماندانى ھەر قېتىم قىسىمغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى نۇقتىلىق تەكىتلەپ، ھەربىي مەشىققە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ناھايىتى كۆپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى؛ جۇرىخې جەڭ مەيدانىدىكى ھەربىي پاراتتىن نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدىكى دېڭىزدا پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش، مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك چوڭ يىغىنىدا مەشىق بۇيرۇقىنى جاكارلاشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن ھەربىي مەشىقنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئەمەلىي جەڭدە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش يولىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ئارمىيەمىزنىڭ باش قوماندانى يول باشلاپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزدى، مانېۋىرنىڭ بىرىنچى سېپىدە پولات ئېقىم مەۋج ئۇردى. قومانداندىن جەڭچىگىچە، ئورگاندىن ئاساسىي قاتلامغىچە، قىسىمدىن مەكتەپكىچە، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇيرۇق بويىچە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي جەڭ ئەمەلىي مەشىقى، بىرلەشمە جەڭ بىرلەشمە مەشىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك، تىركىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىدا ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ رەتكە تىزىش، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ تۈرتكە بولۇش، سىستېمىلىق ئۇرۇش مانېۋىرى قىلىش ئاساسىي تۇتقا قىلىنغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى... چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش مەيدانلىرىدا، جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، ئىس - تۈتەك ھەممە يەرنى قاپلىدى، بىرونېۋىكلار گۈرۈلدەپ ماڭدى، جەڭ پاراخوتلىرى تېز ئىلگىرىلىدى، جەڭ بۈركۈتلىرى گۈركىرەپ ئۇچتى، يېڭى دەۋردىكى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە يېيىلدى.

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى −

«شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش... ماشىنىلاشقان، ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 2027 - يىلى ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆزلەپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ قايتا ئاتلىنىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مەشىق ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى