تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتىم. بىز ھەممىمىز كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى قايتا جانلاندۇرۇپ، يەر شارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدۇق. ھازىر، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن يەر شارىدىكى بىر قىسىم رايونلار 2 - قېتىملىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يەنىلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىللە ۋاكسىنا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنىڭ يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئادىل تەقسىم قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى تەرەپ جانلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرماقتا، بۇ گېرمانىيە تەرەپكە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىز يەنە گېرمانىيە تەرەپ ۋە ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا قارىتا ئېچىۋېتىشنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش، ھەمكارلىشىشنىڭ يېتەكچى تەرىپى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى باشتىن - ئاخىر ياخشى ئىگىلىشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ياۋروپا ھەمكارلىقى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە تېخىمۇ يەر شارىۋىلىككە ۋە ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. بۇ يىل 9 - ئايدا، مەن سىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى رەئىسى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، نۆۋەتتە ھەممىسى ئەمەلىيلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىللە كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو - ياۋروپا مۇھىم، زور قارالمىلىرى توغرىسىدا داۋاملىق قويۇق ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات، رەقەم بويىچە سۆزلىشىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا يېشىل ھەمراھى، رەقەملىك ھەمراھى بەرپا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو - ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيادا مۇھىم، زور ئۆزگىرىش بولماقتا، ياۋروپا 2 - قېتىملىق يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىدى، ئىقتىسادنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ گېرمانىيە كارخانىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق خەۋەر. ئىككى تەرەپنىڭ ۋاكسىنا ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سودا سېلىنمىسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ھاسىل قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يىل ئىچىدە ياۋروپا - جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك نىشانى ۋە ئارزۇسىنى جاكارلىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە كېيىنكى باسقۇچتىكى گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا - جۇڭگو مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرى توغرىسىدا قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. مەن گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.