تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

(2020- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى)

2015 - يىلىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە ئىش ئورنىنى سۆيىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر بارلىققا كەلدى، ئۇلار ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى، دەۋر ئۈلگىلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىدە بار بولغان ئۇلۇغ ئىجادچانلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى جانلىق شەرھلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەك شەرەپلىك دەيدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى ۋە بارغانسېرى مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان كەسىپنى قەدىرلەش ئىستىلىنى يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن سۈن زېجوۋ قاتارلىق 1689 كىشىگە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بېرىشنى، زېڭ شياۋپېڭ قاتارلىق 804 كىشىگە مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچى نامىغا ئېرىشكەن يولداشلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، داۋاملىق جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئىشلەش ئىرادىسى، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىرادىسى، تەتقىق قىلىش ئىرادىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش