تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسىدە ئاقسۇ مەدەنىيەت-ساياھەت تاۋارلىرى نامايان بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تيەن خۇڭ): 11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو (شېنجېن) خەلقئارا ساياھەت كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆپ نۇقتىدىن تەۋسىيە قىلىنىپ، ھەر تەرەپلىمە كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئاقسۇ كۆرگەزمە رايونى دىققەتنى ئالاھىدە تارتتى، مەدەنىيەت-ساياھەت تاۋارلىرى رەڭدار تۈسكە كىردى.

  شېنجېن شەھەر ئاھالىسى چېن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى نەچچە يىل ئىلگىرى ئاقسۇغا كېلىپ ساياھەت قىلغان بولۇپ، «بىڭتاڭشىن» ئالما، سامسا ۋە سۇدا دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. نەق مەيداندا، ئاۋات مۇسەللەسى چېن ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاقسۇدا ساياھەت قىلغاندا، مەن بۇ ھاراقنىڭ شېرىن تەمىنى ئاڭلاپ، شۇ چاغدا تېتىپ بېقىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدىم. بۇ قېتىم ئىككى بوتۇلكا سېتىۋالدىم. كېلەر يىلى، بىز مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا بېرىپ ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىمىز.»

  گۇاڭدۇڭ چىڭيۈەندىن كەلگەن ليۇ لى «مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن» ناملىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىپ قالدى، ئۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى رەسساملارنى ئاقسۇغا كېلىپ دولان دېھقان رەسىملىرىنى يىغىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىزمەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەن، ھەم يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن، ھەم ئۆزگىچە مىللىي مەدەنىيەتنى نامايان قىلغىلى بولىدىكەن.»

  نەق مەيداندا يەنە مېھمانلارنى ئاقسۇغا كېلىشكە جەلپ قىلىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «يىپەك يولى قەدىمىي كۈسەن سىرلىق ئاقسۇ» ماركىسىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشىغا تېز تۈرتكە بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى