تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، ئۇچقات دېھقانلارنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شەندۇڭ تەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇچقاتنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدا تۈجۈپىلەشكەن تېرىقچىلىق، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، مۇكەممەللەشكەن پىششىقلاشنى ئاساس قىلغان ئۇچقات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولىدا مېڭىپ، ئۇچقاتنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ «بېيىش گۈلى»گە ئايلاندۇردى.

  يوپۇغا ناھىيەسى «ئۈچ مېۋە، بىر گۈل» يېتىشتۈرۈشتىكى يېتەكچى كەسىپتە ئورۇن بەلگىلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسلىدىكى چىلان، شىنمېي، ئەنجۈر ئەنئەنىۋى تىرىقچىلىق ئاساسىدا ئۇچقاتنى يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى. شەندۇڭ تەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى كۆپ قېتىم ئۇچقات كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا شەندۇڭ جيۇجيەنپېڭ گۇرۇھ شىركىتى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، بۇ كارخانىنى يوپۇغا ناھىيەسىگە كىرگۈزدى.

  2019-يىلىنىڭ بېشىدا، شەندۇڭ جيۇجيەنپېڭ گۇرۇھ شىركىتىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىكىدە، 1350 مولۇق ئۇچقات پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى پىلانلاپ قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى توققۇز يېزا-بازاردا سىناق قىلىپ تېرىلغان، سىناق قىلىپ تېرىش كۆلىمى 5170 موغا يەتكەن. بىر يىللىق سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئۇچقاتتىكى كېسەللىك ۋە ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنى ئازىيىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى ئۆسكەن، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ كىلىماتى ۋە تۇپراق شارائىتىغا ئۇيغۇن كەلگەنلىكتىن، تۇنجى يىلى ئۇچقات گۈلى ھوسۇلى 400 مىڭ كىلوگىرامغا يېتىپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1600 يۈەن بولغان.

  2020-يىلى، شەندۇڭ تەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 18 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئۇچقات تېرىشقا ياردەم بەرگەن، كۆلەم ئەسلىدىكى 5170 مودىن 20 مىڭ موغا يېتىپ، 4879 دېھقان ئائىلىسىنى قاپلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە 2384 بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان.

  دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تېرىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، ئۇچقاتنىڭ سۈپىتى ۋە ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شەندۇڭ تەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى شەندۇڭنىڭ «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» تەجرىبىسىنى ئەينەك قىلىپ، ئۇچقات كەسىپى بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى قوللاپ، يېزا-بازارلارنى بىرلىك قىلىپ ئۇچقات ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۇچقاتنى پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، يىغىش قاتارلىق تېخنىكىلار بويىچە قەرەللىك تەربىيەلىدى. بىرتۇتاش تەمىنلەش، بىرتۇتاش پەرۋىش قىلىش، بىرتۇتاش مۇلازىمەت قىلىش، بىرتۇتاش سېتىش، بىرتۇتاش تەقسىملەش ئارقىلىق، كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، رايونلاشقان جايلىشىش، جەمئىيەتلەشكەن مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەنئەنىۋى تىجارەت ئەندىزىسىدىن كەسىپلەشكەن تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

  يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلار ماكانلىشىپ سۈپەتلىك مايسا تەتقىق قىلىپ يېتىشۈرۈش، ھەرقايسى يېزا-بازارلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تېرىش، ئۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، شىركەت ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ تەرەپ پايدا ئېلىش» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئۇچقات بىر يىلدا تۆت قېتىم ئۈزۈلىدۇ، ئۈزۈش پەسلىدە ھەركۈنى 500دىن ئارتۇق دېھقانغا ئىھتىياجلىق بولۇپ، ھەربىر كىشى ھەركۈنى 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

  شەندۇڭ تەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پۈتۈن مۇساپىلىق ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، تېرىش، ئۈزۈش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇچقات كەسىپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ھازىر 1-قاراردا 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلۇپ، يىلىغا دەسلەپكى قەدەمدە 3000 توننا ئۇچقات گۈلى پىششىقلاش ئىقتىدارى ھازىرلاندى، يىلىغا ئۇچقات ئىچىملىكىدىن 50 مىليون بوتولكا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن 6 مىليون بوتولكا، باباۋ چېيى، ۋۇخۇا چېيىدىن 120 مىڭ قاپ ئىشلەپچىقىرىپ، يىلىغا 400 مىليون يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، 30 مىليون يۈەنلىك پايدا ۋە باج ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، 100دىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، 500دىن ئارتۇق كىشى پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇچقات تېرىش، يىغىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شەندۇڭ تەيئەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇچقات ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش بازىسى، ئۇچقات مايسىسى تېرىش، يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئەلا سۈپەتلىك ئۇچقات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىپ، ئۇچقاتنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ «بېيىش گۈلى»، «بەخت گۈلى»گە ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى