تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش كۆلى جەنۇبتىن تۈركۈملەپ كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى

بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان كەچ كۈزدىكى باغراش كۆلى.

شىنخۇا تورى تارقاتتى  دالەي فوتوسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، باغراش كۆلى جەنۇبتىن تۈركۈملەپ كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى، سەپ تارتقان سۇ قۇشلىرى سۇ يۈزىدە بىمالال ئوزۇقلىنىپ، ئويناقشىپ، كەچ كۈزگە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرە قوشتى.

باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ يەرنىڭ سۇ ئوت-چۆپلىرى مول، سۇ دائىرىسى كەڭ، ئېلىمىزدىكى ياۋايى قۇشلار ياشايدىغان مۇھىم جايلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا سۇ قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم تۈگۈن ۋە قىشلايدىغان جاي. ھەر كۈنى توپ-توپ چايكا، قارا قۇ، قىزىل تۇمشۇق ئۆردەك قاتارلىق ھەرخىل ياۋا سۇ قۇشلىرى بۇ يەردە ئوزۇقلۇق تېپىپ ئوينايدۇ، ئۇلار بەزىدە كۆل بويىدا ئۈزۈپ يۈرسە، بەزىدە ئاسماندا پەرۋاز قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، قۇشلار ئارىلىنى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى، قۇشلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى، قۇشلارنى تاماشا قىلىش ئۆيى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سۇ قۇشلىرىنىڭ ماكانى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھازىر قۇشلارنىڭ كۆچۈش سەپىرىدە تۇرىدىغان، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان، كۆپىيىدىغان تەبىئىي سورۇنىغا ئايلاندى، ئاق قۇ، ئاق قوتان، كۆك قوتان، قاتارلىق 120 خىلدىن ئارتۇق ئەتىۋارلىق قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇشلار ھەر يىلى گۈزەل باغراش كۆلىگە كېلىپ كۆپىيىدۇ.

(رۇستەم، گو يۈشۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى