تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» تۇنجى تۈركۈمدە تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

  شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، گۈزەل شىنجاڭ زادى قانداق؟ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجاد قىلىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«ئارزۇ. مېنىڭ ئائىلەم» (ئاپتورى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى 7-يىللىق 10-سىنىپتىن خاۋ مېڭيۈ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يې جىڭ)

«ئارزۇ . 2035» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 4-سىنىپتىن لىنارا ئېركىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇاڭ يىڭ)

«گۈزەل يۇرت» (ئاپتورى: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپتىن ليۇ يىڭچىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ياڭ بىڭچىڭ)

«شەرقىي تىيانشان ئارزۇسى» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى خاڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 2-سىنىپتىن ئاينۇر سەمەت؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇاڭ خۇيشيا)

«قۇملۇق بوستانلىقى پەلەككە يول ئالدى» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى خاڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 2-سىنىپتىن ئابىدە سەمەت؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خې يۇڭگاڭ)

«كەلگۈسىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىق 6-سىنىپتىن شى شۈەندو؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ ۋېن)

«2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش، مېنىڭ يۇرتۇم» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 2-سىنىپتىن لى جىنلىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جيا لىڭچياۋ)

«2035-يىلىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 4-سىنىپتىن لى رۈيشۆ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لېي يۈ)

     «كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

  ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

  2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

  ئەسەر تەلىپى:

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

  قاتنىشىش ئۇسۇلى:

  بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

  ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.