تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يوپۇغا ناھىيەسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 30 مىليون 441 مىڭ 500 يۈەن قىممىتىدىكى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى بەردى

  ئانار بۇلۇت: 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، يوپۇغا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ناھىيەدىكى قىيىنچىلىقى بار 10 مىڭ 700 ئائىلىگە 30 مىليون 441 مىڭ 500 يۈەن تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى تارقىتىپ بەردى، يېزا-بازارلار پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى كەنت «ئىككى كومىتېت» كۈچلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، ماددىي ئەشيالار ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش تۆۋەن چېكىنى كۆتۈرۈپ، يۇقۇم مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى.

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسى سىيەك يېزىسى كالتا يايلاق كەنتى 100 خالتا ئۇن، 100 خالتا گۈرۈچ، 100 تۇڭ ياغ قاتارلىق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تاپشۇرۇۋالدى، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ماددىي ئەشيالارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ كەنت ئاھالىلىرىگە تارقىتىپ بەردى.

  كەنت ئاھالىسى ئەلى ساۋۇت مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىزگە ئىككى ئايلىق تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىپ بەردى، يەنە كۆمۈر تارقىتىپ، قىشتا ئىسسىنىش مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى، يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئەكىلىپ بەردى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمىز.»

  كەنت ئاھالە كومىتېتى خىزمەتچىلىرى كەنتتىكى ھەرىكىتى قولايسىز ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، نامرات ئائىلىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرگە نەرسە-كېرەك يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاجىزلارغا بولغان ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى. «خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى گۈرۈچ، ئۇن، ياغ تارقاتتى، بۇ يىل قىشتا يېمەك ـ ئىچمەكتىن غەم قىلماي، قىشنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق.» دېدى كەنت ئاھالىسى ئايشەمخان تۇراق.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوشىڭ مۇنداق دېدى: «قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، ھەرىكىتى قولايسىز ئاممىغا ماددىي ئەشيانى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىنى قوللىنىپ، بۇ قىشتا ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى يەتكۈزىمىز.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىش جەريانىدا، يوپۇغا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى «خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش» ئاساسىي مەقسىتى بويىچە، «مەخسۇس بۇيۇملارنى مەخسۇس ئىشلىتىش، نۇقتىلىق ئىشلىتىش» پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق قۇتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا تولۇق، يېتەرلىك تارقىتىپ بەرگەن.

  (يوپۇغا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ياقۇپجان، نۇربىيە)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى