تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش: ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى «ئۆزگەردى»

  ئانار بۇلۇت: 2019-يىلى، جىڭ ناھىيەسى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، كۆكەرتىش، يول قاتتىقلاشتۇرۇش، ئۆگزىنى سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

  باش قىش پەسلىدە، جىڭ ناھىيەسى جىڭ بازارلىق يولۇچى توشۇش بېكىتى ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندە، تۈپتۈز سېمونت يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېڭىدىن رەڭلىك خىش پىيادىلەر يولى ياسالدى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، چېنىقىش سايمانلىرى، شىپاڭ قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

  «ئىلگىرى مەھەللىنىڭ يوللىرى ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغان بولۇپ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل، يول چىرىغىمۇ يوق، تۇرالغۇ مۇھىتى قالايمىقان ئىدى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، يوللار ھەم كەڭ، ھەم تۈز، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يول چىرىغى ئورنىتىلدى، كۆكەرتىش بەلبېغىغا گۈل-گىياھ تېرىلدى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىمۇ كۆپەيدى، مەھەللىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى رازى.» دېدى يولۇچى توشۇش بېكىتى ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ۋاڭ ياۋخۇا خۇشال ھالدا.

  بۇ يىل 5-ئايدا، يولۇچى توشۇش بېكىتى ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، يەر يۈزىدىكى يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە باغ-ئورمان مەنزىرىسى قۇرۇلۇشى، يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار كۆپەيتىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

  تۇرالغۇ مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ، يەنە باقمىچىلىق يول بۆلىكى ئولتۇراق رايونىمۇ بار. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئولتۇراق رايوندىكى بىنا ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، سۇ تۇرۇبىسى توسۇلۇپ قېلىش، پار ئىسسىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار پات-پات يۈز بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى. كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ تۇرۇبا تورىنى يېڭىلاش، سىرتقى تېمىنى ئىسسىق ساقلاش خىزمىتى تاماملىنىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەرتىپلىك پىلانلىنىپ، ئاممىۋى يېشىللىق رەتلىك، گۈزەل تۈسكە كىردى، مەھەللىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى يورۇق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ گۈزەللەشتى.

  جىڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لى چۈەنشېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشكە جىڭ بازارلىق ھۆكۈمەت باشلامچىلىق قىلدى، جەمئىي 53 مىليون 680 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئالتە كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش تاماملاندى. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ناھايىتى تېز ئېلىپ بېرىلدى، كۆپچىلىكمۇ قوللاپ، ماسلىشىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەھەللىنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.»

  (جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، جاڭ جيەنتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش