تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ يول ئۇلى تۇتاشتۇرۇلدى

  S21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ يول ئۇلى قۇرۇلۇش نەق مەيدانى (سۈرەتنى تۈر قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن).

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىS21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۈرىنىڭ يول ئۇلى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئىككى جاينى تۇتاشتۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەسلەپكى قەدەمدە شەكىلگە كىرىپ، كېلەر يىلى تۈرنىڭ تاماملىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، تەكشى ھەم كەڭ يول ئۇلى يىراقلارغا سوزۇلغان بولۇپ، خۇددى بىر «سېرىق ئەجدىھا» چۆل-جەزىرىنى كېسىپ شىمالغا قاراپ ماڭغاندەك كۆرۈنەتتى. ئاللىقاچان شەكىلگە كىرگەن يول ئۇلى يېنىدا قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قېزىش ماشىنىسى، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىڭىتىش، ئاسراش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

  S21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىنىڭ قوماندانى لى جيې مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى يۇقۇم قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتتى، قۇرۇلۇشچىلار تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خادىم، ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىش، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كېچىكىپ قالغان قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئاز-ئازدىن قايتۇرۇپ كەلدى، پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ئادەتتىكىدىن %70 كۆپەيدى، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە 4200دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى ۋە 1800دىن ئارتۇق(يۈرۈش) ماشىنا بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلدى».

  S21 ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىل»لىق پىلانىدىكى غول يول تورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇ بېيتۈن شەھىرىدىن باشلىنىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 342.538 كىلومېتىر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ، بۇلتۇر 12-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى قاتناش-ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە-ساياھەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قىلىپ چىقىلىدۇ.

  بۇ تۈرنى كېلەر يىلى تاماملاش پىلانلاندى، شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن ئالتاي شەھىرىگە ئايلىنىپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، G217 لىنىيەسىدە ماڭغانغا قارىغاندا 258 كىلومېتىر، G216 لىنىيەسىدە ماڭغانغا قارىغاندا 193 كىلومېتىر قىسقىراپ، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئالتاي ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان قولايلىق، تېز سۈرئەتلىك تاشيول بولۇپ قالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى