شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى · ئالاقە تورى تەرەققىيات مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جېجياڭ ۋۇجېندا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، رەقەملىك تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يىراقتىن داۋالاش، تور مائارىپى، ھەمبەھرە سۇپا، ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىش قاتارلىقلار كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى، ئالاقە تورى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇچۇر ئىنقىلابىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، رەقەملىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، تور بىخەتەرلىكى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.