تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ 1-تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2-تۈركۈمىنى باشلاش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ 1-تۈركۈمىنى خۇلاسىلەش ھەم 2-تۈركۈمىنى باشلاش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 1-تۈركۈمدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، 2-تۈركۈمدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، ۋەن خەيچۇەن، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 1-تۈركۈمدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە 2-تۈركۈمدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى توغرا سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، «ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ئىش تەقسىملەپ ھەمكارلىشىش، جايلار دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىش» پىرىنسىپى بويىچە، ناھىيە ھالقىپ باشقا جايدا تەكشۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىلمىي، قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى ئىگىلەپ، تەرتىپنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇندىكى تەلەپ سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات سۈپىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، جەريانلىق سۈپەت باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرى قوشۇنىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا شارائىت يارىتىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغان ناھىيە(شەھەر)لەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى، ھەرقايسى كەسىپ، تارماقلار كەسپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى، كەڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەتچى خادىملىرى ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلىشى، پۇختا ئىشلىشى، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ھالقىلىق پەيتكە كەلدى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان روھىي ھالەت ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەش؛ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى پىلانلاش؛ كۆزىتىش-ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش-يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئۆلچەمنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇش، مەبلەغ كاپالىتى جايىدا بولۇش، خادىملارنى ئاجرىتىش جايىدا بولۇش، كەسپىي تەربىيەلەش جايىدا بولۇش، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش جايىدا بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تاماملاش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بار ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر، ناھىيە(شەھەر)لەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.