تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ئادەمنى تېز تارتىۋېلىڭلار» دېگەن ئاۋاز بىلەن، كۆپچىلىك تەڭلا يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ قىزچاقنى قۇتقۇزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ يىمىڭ): يەتتىنچى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىگە يۈگۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ياردەمچى ساقچى ۋاڭ چاڭبىننىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشنى خاتىرىلەش ئەسۋابىدا ئۇنىڭ نەپەس ئالغان ئاۋازىلا خاتىرلەنگەنىدى. ئۇ چاغدا، بىنانىڭ ئۆگزىسىدە 15 ياشلىق بىر قىز رىشاتكىنىڭ سىرتىدا ئولتۇراتتى. ۋاڭ چاڭبىن ئۆزىنى توختىۋېلىپ، قىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئۇ قىز كۆرەلمەيدىغان رايوندىن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئىككى قولى بىلەن قىزنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

  ۋاڭ چاڭبىن قىزغا ئېتىلغان ھامان، ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرى بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلىپ باردى. «ئادەمنى تېز تارتىۋېلىڭلار» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ، كۆپچىلىك قىزنى بىخەتەر رايونغا چۈشۈرۈۋالدى.

  بۇ كۆرۈنۈش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۇەنى 3-شى تۇمشۇق شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايون بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە يۈزبەرگەن ئىدى. ئىش يۈزبەرگەن ئورۇن يەر يۈزىدىن 20 مېتىر ئېگىزلىكتە ئىدى. «ياخشى بولغىنى قىزچاقنى قۇتۇلدۇرۇۋالدۇق» دېدى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك شەھەر رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنشيۇۋ كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىخانا باشلىقى گەن يۈنلۇڭ.

  11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 19دا، جىنشيۇۋ كوچىسى ساقچىخانىسى ئاممىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، بىر قىزچاقنىڭ ئولتۇراق رايوندىكى بىر بىنا ئۈستىگە چىقىۋالغانلىقىنى ئېيتىلغان ئىدى. ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، گەن يۈنلۇڭ ساقچىلارنى باشلاپ، بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا كەلدى.

  «ئەينى ۋاقىتتا مەھەللە خىزمەتچىلىرى قىزچاققا خىزمەت ئىشلەۋاتاتتى، بىراق ئۇ توختىماي يىغلاپ، ئۆزىنى باسالمىدى. تاساددىپىي ئىش يۈزبېرىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، بىز جىددىي قۇتقۇزۇشقا خەۋەر قىلدۇق، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى» دېدى گەن يۈنلۇڭ، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تېزلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يۈگۈرۈپ چىقتى.

  ئىش يۈزبەرگەن كۈنى تېمپېراتۇرا 3-4  بولۇپ، سوغۇق شامال چىقىۋاتاتتى، قىزچاقنىڭ يۈزى، قول-پۇتلىرى، بويۇنلىرى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

  «ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن، قىزچاقنى رىشاتكىنىڭ سىرتىدىكى بىر بۇرجەكتە بايقىدۇق، بىنانىڭ قىرى بىلەن تەخمىنەن 20-30 سانتىمېتىر كېلەتتى، بالىنىڭ ئىككى پۇتى ساڭگىلاپ تۇراتتى، ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، ياخشى يېرى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇ كۆرەلمەيدىغان بىر جاي بار ئىكەن. بىز قىزچاقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاڭ چاڭبىن ئاستا ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىپ، قۇتقۇزۇش پۇرسىتى ئىزدىدى» دېدى گەن يۈنلۇڭ چۈشەندۈرۈپ.

  كېيىنكى قەدەمدە، قىزچاق ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇلدى. پۈتۈن جەريانغا بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىگەنىدى.

 قىزچاق قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش بىلەن بىللە، مەھەللە خىزمەتچىسى ئۇنى چىڭ باغرىغا باستى. ساقچىلار سوراش ئارقىلىق، قىزچاقنىڭ 3-شى 49-تۇەندە ئولتۇرىدىغانلىقىنى، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شەھەرگە كېلىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوينىغانلىقىنى، بىراق ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تېزراق ئۆيىگە قايتىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، جىدەللىشىپ قالغانلىقىنى بىلدى...

  «بىز قىزچاقنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىسسىق تاماق، ئىسسىق سۇ تەييارلاپ ئىسسىندۇردۇق، ئۇنى تىنچلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قىلغان ئىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. كېيىن بىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەنمۇ پىكىرلەشتۇق» دېدى گەن يۈنلۇڭ، «بالىلارنىڭ ھاياتلىقنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا ئۇسۇلدا بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيەلىشىنى، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدا بالىلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈزبەرمەسلىكىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز...»

  (سىننى 3-شى تۇمشۇق شەھەرلىك شەھەر رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى