تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۈمەريەم ئابلىمىت: «مەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمەن»

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ): 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، گۇما ناھىيەسى مۇكۇيلا يېزىسى تۆۋەن مەھەللە كەنتىدە، بۈمەريەم ئابلىمىت ئۆزىنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسىدە ئوقۇشقا تىزىملاتقان مەمۇرىي باشقۇرۇش دەرسىنى ئۆگىنىۋاتاتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، گۇما ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تۆۋەن مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، بۈمەريەم مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن دېھقاندىن تېزلا مۇنەۋۋەر كەنت كادىرى بولۇپ يېتىلىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان گۈزەل تۇرمۇشقا ئۈزلۈكسىز يېقىنلاشتى.

  2018-يىلى بۈمەريەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى ئارىسالدىلىق ئىچىدە ئۆتكەن بىر يىل بولدى: كەنتتە تىجارەت قىلىۋاتقان چاچ ياساش دۇكىنىنىڭ تىجارىتى ياخشى بولمىدى، ئۇ يەنە داۋاملىق يەر تېرىشنى خالىمىدى، ئەمما مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، بۈمەريەمنىڭ «تىپ ئۆزگەرتىش» يولى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پۈتۈن كەنتتە كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى تاللاپ تەربىيەلەشنى باشلىدى، دائىم كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ ياردەملىشىپ، كەنتتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىدىغان بۈمەريەم تەربىيەلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

  2018-يىلى 10-ئايدا، بۈمەريەم كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئارزۇسى ئۇچقۇنغا ئوخشاش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يالقۇنجاشقا باشلىدى.

  ئاۋۋال بىلىم بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك. كومپيۇتېر بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدىغان بۈمەريەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەت ئۇرۇش ئاسانغا توختىمايتتى، excel جەدۋىلىدە سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ قىيىن ئىدى، ئەمما، يەسلىدە ئوقۇۋاتقان قىزىغا ئۈلگە بولۇشنى ئويلىسىلا، ئۇنىڭ جىسمى كۈچكە تولاتتى. كىتاب ئوقۇپ، سىن كۆرۈپ، خاتىرە قالدۇرۇپ دائىم سەھەر سائەت بىر، ئىككىلەرگىچە ئارام ئالمايتتى، ئۇ يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن سوراپ ئۆگىنەتتى؛ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ۋاقتى چىقسىلا، بۈمەريەم كىتاب ئوقۇپ، خەت-چەك، ماقالىلەرنى يېزىشنى ئۆگىنەتتى. بەش ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، بۈمەريەم ئىشخانا ئىشلىرىغا ئالاقىدار يۇمشاق دېتاللارنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماي، excel جەدۋىلىگە سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزەلەيدىغان بولدى، ئۇ يەنە فورمۇلا ئارقىلىق جەملەش، سېلىشتۇرۇش، ئىلغاش، دەلىللەش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ بولغانىدى.

  2019-يىلى 4-ئايدا، بۈمەريەم تۆۋەن مەھەللە كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بوغالتىرى بولۇپ، كەنت كوللېكتىپ مالىيەسىنى باشقۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشنى يولغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى. 5-ئايدا، بۈمەريەم خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە پۈتۈن كەنتنىڭ يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، كۈندۈزى مەركەزلەشتۈرۈش نۇقتىسىدا خىزمەت قىلسا، كەچتە كەنت ئاھالە كومىتېتىغا قايتىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلدى، ئۇدا ئۈچ ئاي مۇشۇ تەرىقىدە ئايلىنىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ، گۇما ناھىيەسىدىكى سىستېمىلىق كىرگۈزۈشنى تاماملىغان تۇنجى كەنت بوغالتىرى بولۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ خىزمەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرزى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشى، كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول، بۈمەريەم ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەھلىل قىلىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ قەرز ئېلىش مۇمكىنچىلىكىنى بېكىتىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قەرز ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. «دەسلەپتە، كەنت ئاھالىلىرى سىياسەتنى ئىگىلىمەي، ئۆزىنىڭ زىيان تارتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى. مەن ئۇلارغا ئىلھام بېرىپ، تىرشقاندىلا پۇل تېپىش ئىھتىماللىقى بولىدىغانلىقىنى، تىرىشمىسا ھېچقانداق مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.» بۈمەريەم ئۆزى قىلالىغاننى يۇرتداشلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى، ئۇ «مەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمەن. دۆلەتنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، يۇرتداشلارنىڭ ماڭا ئوخشاش تۇرمۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئاز سوممىلىق قەرز بېجىرىپ، كالا-قوي سېتىۋالدى، بەزىلىرى تېخى كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئامانەت پۇلى بار بولدى. 2019-يىلى، گۇما ناھىيەسى گۆش توشقىنى باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۈمەريەم توشقاننى قوبۇل قىلىش، بېقىش، سېتىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بەردى. كىمنىڭ ئۆيىدە يەم-خەشەك قالمىغاندا، ئۇ زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ دېھقانلارنىڭ ئۆيىگىچە ئاپىرىپ بەردى؛ كىمنىڭ ئۆيىدىكى توشقان ئاغرىپ قالسا، ئۇ يۇقۇم مۇداپىئەسى خادىمى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى؛ كىمنىڭ ئۆيىدە بېقىش قېلىپلاشمىسا، ئۇ تېخنىكلارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى پايدىغا ئېرىشتى. 2019-يىلى، بۈمەريەم شەرەپ بىلەن كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولدى ھەم يىللىق كەنت كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىقلاردا مۇنەۋۋەر بولدى. ئۇ بۇ يىل رادىيو-تېلېۋىزىيە داشۆسىگە تىزىملاتتى. «مەن ئۆگەنسەم، قىزىممۇ ئۆگىنىدۇ، ئۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقىنى بىلەن، ئۆگىنىش ئېڭى شەكىللىنىپ بولدى. مەن داۋاملىق تىرىشىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى بۈمەريەم قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى