تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيەسى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى كالا، قويلارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ جيەن): بۇ يىل، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى قوي-كالا نەسلىنى ياخشىلاشتىن باشلاپ، باقمىچىلىق كۆلىمى مۇۋاپىق، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى يۇقىرى بىر تۈركۈم باقمىچىلىق بازىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆندەلەڭ بازىرى تاشبۇلاق كەنتى دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن كەنت بولۇپ، ھەممە ئائىلىدە كالا، قوي بېقىش ئەنئەنىسى بار، ئاز بولغاندىمۇ بىر-ئىككى تۇياق، كۆپ بولغاندا نەچچە ئون تۇياق قوي، كالا بېقىلىدىغان بولۇپ، كالا، قوي بېقىپ سېتىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم يولى. 2016-يىلى، كەنت ئاھالىسى بازار سەربەلبېك 12 كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئېنتېماكې ئەلا سۈپەتلىك قوڭۇر كالا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش بېقىش، بىرتۇتاش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەنت ئاھالىلىرى پېيىغا ئاساسەن پايدىغا ئېرىشتى.

  «ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭى قۇرۇلغاندا، 180 كالا باققان، كۆپىنچىسى قارا ۋە ئاق يەرلىك كالا بولۇپ، ئاز ساندا شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى بار ئىدى.» بازار مۇنداق دېدى: «يەرلىك كالىنىڭ باھاسى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئەگەر يەرلىك كالىنىڭ موزىيى 6000 يۈەن ئەتراپىدا بولسا، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىنىڭ موزىيى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، 4-5 مىڭ يۈەن پەرقلىنىدۇ».

  «نەسىلنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھازىر بېقىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆستى، تاپقان پۇلىمۇ كۆپەيدى» دېدى بازار.

  كوپىراتىپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نۇرغۇن كىشىلەر كالىلىرىنى كوپىراتىپقا ئاپىرىپ بېقىشنى خالىمىغانىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بازار كۆپ قېتىم كۆپچىلىك بىلەن بىللە سورت ياخشىلاش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى. ئۈنۈمنىڭ ئېشىشى بىلەن، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى، ھازىر نەسلى ياخشىلانغان كالا 400 نەچچىگە يەتتى.

  كالا-قوي باقمىچىلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ياخشى بولغانلىقتىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زاكاز تالونى ئۈزۈلمىدى، 2019-يىلىلا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى. «ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز 2021-يىلى كالىنى 500 تۇياقتىن ئاشۇرماقچى بولدۇق» دېدى بازار.

  «كەنت ‹ئىككى كومىتېت›ىنىڭ يۆلىشى ۋە ياردىمىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، كەنتىمىزدە يەنە ئۈچ باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، كەنتتە چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىش شەكىللەندى، چارۋىچىلىقنى ياخشىلاش خىزمىتى %100 تاماملاندى» دېدى تاشبۇلاق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى ليۇ تىڭ.

  نۆۋەتتە، توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئەلا سۈپەتلىك كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 64ى، باقمىچىلىق رايونىدىن 29ى بار، كالا نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ %98ى تاماملاندى، قوي نەسلىنى ياخشىلاش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى