تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆيدىن چىقمايمۇ توك سېتىۋېلىش قولايلىق ھەم تېز بولدى

11-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قومۇل توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېڭ ياڭ فوتوسى)

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ پېيگېن، شەن شيەنۋۇ): ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىجارەت رايونىدىكى 9 مىليون 981 مىڭ 600 ئابونېتنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، بۇ، ئابونېتلارنىڭ ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپلا، «توردىكى دۆلەت ئېلېكتىر تورى»، «ۋېشىن» قاتارلىق APPلەر ئارقىلىق توردا توك سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ھەقىقەتەن ھەم قولايلىق، ھەم تېز.

   11-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېلېكتىر سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىشتىكى ئاساسىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىپتىدائىي ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىش، ئۆلچەش ۋە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇچۇر توپلاش، تەھلىل قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە سۈپەتنى كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. 2010-يىلى 8-ئايدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى «ئابونېتلار سائىتىنى ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىجارەت رايونىدىكى بارلىق بىۋاسىتە تۇرۇبا ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتىنى ھەقسىز ئورنىتىپ بېرىپ، ئېلېكتىر تورىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

    سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تىجارەت رايونىدا 6 مىليون 655 مىڭ 200 ئائىلىدە توك ھەققىنى يىراقتىن قاچىلاش كەسپى يولغا قويۇلغان بولۇپ، توردا توك سېتىۋېلىشتىكى جانلىق ئابونېت 5 مىليون 770 مىڭ 200گە يەتكەن، بۇ ئومۇمىي ئابونېتلار نىسبىتىنىڭ %60ىنى ئىگىلىگەن. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق توردا توك سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى تەشۋىق قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ 24 سائەت يىراقتىن قىممەت تولۇقلىشىغا قولايلىق ياراتتى.

   11-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قومۇل توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى خېرىدارلارغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائىتى ئورنىتىپ بەرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېڭ ياڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى