تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

تاتلىق ئانار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ساتماقچى بولغان ئانارنى رەتلىمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 11-ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىدىن چىقىدىغان «پىيالما» تاتلىق ئانىرىنى سېتىش خىزمىتى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ يىل «پىيالما» تاتلىق ئانىرى يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمىسىمۇ، باھاسى مۇقىم بولدى.

  «پىيالما» تاتلىق ئانىرى ئاساسلىقى پىيالما يېزىسىدىن چىقىدىغان بولۇپ، بۇ يېزا قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 24 مىڭ مو كېلىدۇ. «پىيالما» تاتلىق ئانىرىغا تايىنىپ، شۇ جاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى 300 يۈەنگە يەتمەسلىكتىن 2019-يىلىدىكى 16 مىڭ 495 يۈەنگە يەتتى، ئانارچىلىق پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»ىگە ئايلاندى.

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى «پىيالما» 1-دەرىجىلىك تاتلىق ئانىرىنى كۆرسەتمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان ئانارلارنى رەتلىمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى قۇمبويى كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ساتماقچى بولغان ئانارلارنى رەتلىمەكتە (11-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى