تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىشقا بولامدۇ

  يېقىندا، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لو ئايىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»كە جاۋاب قايتۇردى. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئاممىۋى سەھىيە دائىرىسىگە تەۋە بولۇپ، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»نى بويىچە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى چىقىم قىلىشقا كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلىتىمىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى غەملىمە مەبلىغى چەكلىك بولۇپ، نۆۋەتتە چىقىم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىدى.

  دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىك سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى، دورا تەمىنات كاپالىتى سىستېمىسى قۇرۇپ، تۆت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سەھىيە تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆت چوڭ سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. نۆۋەتتىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئاساسلىقى ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل قىلىنغان، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى ئارقىلىق كېسەللىكنى داۋالاش كاپالىتى سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، سودا سۇغۇرتىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساغلاملىق ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان.

  سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەكلىپى توغرىسىدا، «جاۋاب»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى سەۋىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، دۆلەت ساغلام بولغان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋەزىپە-نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسلىقى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە رول ئوينايدىغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تۈرىدىكى تەكشۈرتۈشنىڭ ھەممىسى ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت دائىرىسىگە تەۋە بولىدۇ. مۇھىم، زور ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى مەخسۇس تۈرى بويىچە مەخسۇس ھەم قەرەللىك ھالدا 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تەكشۈرۈش، نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە ۋە باشقا نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئالدىنى ئېلىش، ئەملەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت ئاغرىقلىرىنى ئۆلچەملىك باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئاياللىرىغا «ئىككى راك»نى ئىلغاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ھەقسىز قانات يايدۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاھالىلەرنى ھەقسىز تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنما ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى قاپلايدىغان كىشىلەر توپى ۋە مەزمۇن تۈرلىرىمۇ قەدەممۇقەدەم كېڭەيتىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ ۋېيكۇن ئوتتۇرىغا قويغان راك كېسىلىنى دەسلەپكى باسقۇچتا ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قايتۇرغان جاۋابىغا قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز بىر قاتار نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر، تۇبېركۇليۇز كېسىلى، روھىي كېسەل ئاغرىقلىرى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنى قاپلىغان.

  بىرىنچى، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ياردەم پۇل مەبلىغى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، ھامىلدارلار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش، يېزا ئاياللىرىدىكى «ئىككى راك»نى ئىلغاپ تەكشۈرۈش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش(يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت) ۋە ئېغىر روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغان ئاغرىقلارنى باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بېرىلگەن. 2020-يىلى، ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى بويىچە كىشى بېشى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 74 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 2009-يىلىدىكىنىڭ 4.9 ھەسسىسىگە باراۋەر كەلگەن؛ مەركەز مالىيەسى ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىگە جەمئىي 60 مىليارد 300 مىليون يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئىككىنچى، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىراجىتى ئارقىلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال ئارىلىشىش، مېڭە سەكتىسى خەۋپى ئوتتۇرا، يۇقىرى كىشىلەر توپىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىشىش، راك كېسىلىگە بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش تۈرىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللىغان. 2020-يىلى، مەركەز مالىيەسى مۇھىم، زور يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىراجىتىگە جەمئىي 17 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان.

                                  «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ۋېيشىن سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى