تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاشخانا ۋە قاچا-قۇچىنى قانداق دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك

  «كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ.» بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن، ئاشخانا ۋە ئاشخانا بۇيۇملىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش ناھايىتى مۇھىم.

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋيەن مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاشخانىدا ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، تازىلاپ، دېزىنفېكسىيەلەپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق كېرەك.

  ياڭ شياۋيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىدا ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىملىق ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك ئىكەن. يەر يۈزى ۋە بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى بار بولغان تام قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى 500mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈش ياكى دېزىفېكسىيەلەش، دېزىنفېكسىيەلەش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  جۈمەك قاتارلىق كۆپ تېگىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى 500mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى، 75%لىك ئىسپىرت ياكى سىرتقى يۈزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان باشقا دېزىنفېكسىيە دورىسى بىلەن سۈرتۈش، 30 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن سۈرتۈش كېرەك.

  پىچاق، قاچا-قۇچا قاتارلىق ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئاۋۋال قاينىتىش ئۇسۇلىدا دېزىنفېكسىيەلەش، قايناق سۇدا 15 مىنۇت قاينىتىش كېرەك.

  «پول سۈرتكۈچ، دەسمال، ئەخلەت ساندۇقىنىمۇ دېزىنفېكسىيەلەش، شۇنداقلا مەخسۇس رايونغا مەخسۇس قويۇش كېرەك» دېدى ياڭ شياۋيەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، دەسمال، پول سۈرتكۈچنى 1000mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىغا تولۇق چىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش، 30 مىنۇت تەسىر قىلغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ قويۇش كېرەك. ئاشخانا ئەخلەت ساندۇقىنى 1000mg/Lلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن تولۇق پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەپ، 30 مىنۇتتىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇپ قۇرۇتۇش كېرەك ئىكەن.

  ياڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: دېزىنفېكسىيەلەش جەريانىدا دېزىنفېكسىيە دورىسى قالدۇقىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. دېزىنفېكسىيە دورىسى بەلگىلىك غىدىقلاش ۋە چىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، تەڭشەش ۋە ئىشلىتىشتە شەخسىي قوغدىنىشقا دىققەت قىلىش، پەلەي كىيىش كېرەك. دېزىنفېكسىيەلەپ بولغاندىن كېيىن پەلەينى ئېلىۋېتىپ، ۋاقتىدا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى سوپۇن ئارقىلىق ئاقما سۇدا قولنى يۇيۇش، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

                                                    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى