تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تۇنجى ئاقىل كۆكتات بازىرى تىجارەت باشلىدى

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، كورلا شەھىرى شەرقىي خەلق يولى شىمالىي 2-كوچىسىدىكى بەييې ئاقىل كۆكتات بازىرىدا ئاھالىلەر كۆكتات تاللىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ شاۋجيا فوتوسى، خەۋىرى): توردا زاكاز قىلسا، تور سىرتىدا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل ئاقىل كۆكتات بازىرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلدى.

  11-ئاينىڭ 20-كۈنى، كورلا شەھىرى شەرقىي خەلق يولى شىمالىي 2-كوچىسىغا جايلاشقان بەييې ئاقىل كۆكتات بازىرى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر پەن-تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن كۆكتات سېتىۋېلىش قولايلىقىنى ھېس قىلدى. بازاردا كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۇ مەھسۇلاتلىرى، تۇزلانغان مەھسۇلاتلار، ئاشلىق، ياغ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، گۈل-گىياھ قاتارلىقلار تولۇق بولۇپ، مال سېتىۋالغىلى كەلگەن ئاھالىلەر بىر نەچچە مىنۇتتىلا كېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇق سېتىۋالالايدىغان بولدى. بۇ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆكتات بازىرى.

  ئەگەر ئۆيدىن سىرتقا چىققۇسى كەلمىسە، يان تېلېفوندا ھەر خىل يېڭى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ باھاسى، كۆكتات بازىرىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇلۇشى، مەھسۇلاتلار تونۇشتۇرۇلۇشى، ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى، سودىگەرلەرنىڭ ئۇچۇرى، تىجارەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە بارلىق كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. توردا زاكاز چۈشۈرگەندە، مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ئالدىراش ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر، سىرتقا چىقىشى قولايسىز ياشانغانلار، مېيىپلار ياكى ئۆيدە بالىلىرىغا قاراپ سىرتقا چىقالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقىل كۆكتات بازىرى بۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  بەييې ئاقىل كۆكتات بازىرىنىڭ مەسئۇلى لى سۈيليەن مۇنداق دېدى: «بىز ئاقىل كۆكتات بازىرىنى نەشپۈت شەھىرىگە كىرگۈزۈپ، ‹بۇلۇتتا كۆكتات بازىرىنى ئايلىنىش› يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، توردا زاكاز قىلىش، ئۇچراشماي يەتكۈزۈپ بېرىش ئاقىل تۇرمۇش يېڭى ئۇسۇلىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاھالىلەرنى ئۆيىدىن چىقمايلا ئەرزان، يېڭى كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ‹كۆك-تاق›ىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردۇق، تېخىمۇ بىخەتەر قىلدۇق».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى