تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لوپ ناھىيەسى: باچكا بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرەك بولدى

مۇخبىرلار جېڭ جو، ليۇ يى

   ھەر كۈنى، كەپتەرلەرنىڭ «بۇق، بۇق» قىلىپ سايرىغان ئاۋازى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرى خېجياشىن كەنتىدىكى نەسىللىك كەپتەر يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئىشچىلار خىزمەت فورمىسى، پەلەي كىيىپ، تۇخۇم باستۇرۇش ئۆيى، يەم-خەشەك ئۆيى ۋە ئامباردا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. مەڭلىكسۇلتان ھەبىبۇللانىڭ خىزمىتى بازىدىكى نەسىللىك كەپتەرلەرگە دان ۋە سۇ بېرىش ئىدى. 2019-يىلى 6-ئايدا زاۋۇتقا كىرىپ يەم-خەشەك توشۇغۇچى بولغاندىن كېيىن، مەڭلىكسۇلتاننىڭ ئايلىق مائاشى 2500 يۈەنگە يەتتى. «مېنىڭ ئۆيۈم خېجياشىن كەنتىدە، بۇ يەردە خىزمىتىم ئۆيۈمگە يېقىن بولۇپلا قالماي، ئايلىق كىرىمىممۇ ناھايىتى مۇقىم، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

   مەڭلىكسۇلتان خىزمەت قىلىدىغان كۆپەيتىش بازىسى ئەتراپتىكى 70تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى. «ئىلگىرى ئائىلىدە تارقاق بېقىلىدىغان كەپتەرلەرنىڭمۇ چوڭ كەسىپكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» ھاڭگىيا بازىرى زامچىئېرىق كەنتىدىكى تۇنساخان مەخمۇت بازىغا كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاساسىي بىلىملەردىن باشلاپ تەربىيەلىنىپ، ناھايىتى تېزلا ئادەتتىكى ئىشچىدىن ئۇستامغا ئايلىنىپ، تۇخۇم بېسىش، تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشكە مەسئۇل بولدى. «مەن ھازىر گۆش كەپتىرى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىمەن، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن تېخنىكىلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىش ئورنىدا ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرىمەن، ئۇنداق بولغاندا ھەر ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئالالايمەن».

   لوپ ناھىيەسىنىڭ كەپتەر بېقىش ئەنئەنىسى بار، لېكىن كەپتەر بېقىشنى كەسىپ قىلىپ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يەنىلا مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىكى ئىش. لوپ ناھىيەسى «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، «كەسىپنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بىرلەشمە گەۋدە + نامرات ئائىلە» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەپتەر باقمىچىلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

   كەنت ئاھالىلىرىنى بالدۇر نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بىرىكتۈردى، باشلامچى كارخانىلار پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، پايدا ئېلىش ھوقۇقىنى كەنت ئاھالىلىرىگە مىقدارلاشتۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كارخانا ئەتراپىدىكى ئالتە كەنتتە ئەجدادلار نەسىللىك كەپتەر ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. مۈلۈك كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولدى، مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى كەنت ئاھالىسىگە تەۋە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى يىل ئاخىرىدا بەلگىلىك نىسبەت بويىچە پايدا تەقسىم قىلدى.

   خېجياشىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت ئابلىز خېلى بۇرۇنلا ھەمكارلىق كوپىراتىپى باقمىچىلىقىغا قاتناشقان بىر تۈركۈم نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى. «شۇ چاغدا تازا ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتىم، ناۋادا پۇل تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟» دېدى ئۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خىزمەت ئىشلىدى ھەم ئوتتۇرىغا چىقىپ كېپىل بولۇپ، 16 ئاتا-ئانا ۋاكالىتەن نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە 20 بىرلەشمە گەۋدە قۇردى، كوپىراتىپ ئەزاسى 120گە يەتتى ھەم ئالاقىدار ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

   «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەربىرى 2000 يۈەندىن پاي قوشتى، ھۆكۈمەت كەپتەر ئېلىپ بەردى، سېتىپ بولغاندىن كېيىن ھەر يىلى ھەر بىر ئائىلىگە %8لىك نىسبەت بويىچە پايدا تەقسىم قىلىپ بەردى.» نۇرمەمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇ خوتۇنى بىلەن يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئىشلەيدىكەن، مائاشىغا ھەر يىللىق پايدا قوشۇلۇپ، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋېتىپتۇ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «10 تىرىليون يۈەنلىك» كەسىپ تەرەققىيات ئومۇمىي تەپەككۇرىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپەيتىش، باقمىچىلىق، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى. كەپتەر باقمىچىلىقى ئارقىلىق ناھىيەدىكى 7700دىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، لوپ ناھىيەسى كەپتەر كەسپى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، كەپتەر تۇخۇمى، مۇز، يېڭى كەپتەر سۈتى قاتارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى باشلامچى كارخانىلارنىڭ سېتىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، زەنجىرسىمان داڭلىق دۇكانلار بىلەن توختام ئىمزالاپ، دېھقانلار بىلەن تاللا بازارلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلەشكەن كۆپ مەنبەلىك سېتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى، تۆۋەن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ھازىرقى كەسىپلەرنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، كەپتەر باقمىچىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى