تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۇنيادىكى قويۇق تۇمانلارنى تارقىتىۋېتىش دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىش

− دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 12-قېتىملىق ئۇچرىشىشى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 12 - قېتىملىق ئۇچرىشىشى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدىن ئىبارەت ئۈچ مەيدان مۇھىم، زور كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى. پائالىيەت ئاخىرلىشىش پەيتىدە، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم، زور ئىدىيە، تەشەببۇس ھەم ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تەسىرىنى شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

ۋاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم يەر شارىۋى كۆپ تەرەپلىك سەھنىدە دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئۈچ مەيدان كۆپ تەرەپلىك يىغىن ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئېغىر چېكىنىشكە پېتىپ قالغان، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە ئۆتكۈزۈلدى. يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى سىزىپ چىقىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا يۈكسەك دىققەت قىلدى، ئۈمىدكە تولدى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيادىكى 100 يىللىق زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشنى نەزەردە تۇتۇپ، كەڭ، ئۇلۇغۋار خەلقئارا نەزەر ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، تەمكىن، ئالىيجاناب سالاپىتى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى تارىخىي ئورنىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى خەلقئارا تەرتىپنى يارىتىش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى ھەم بۇ ھەقتە جەمئىي 23 تۈرلۈك مۇھىم تەشەببۇس، كۆزقاراش ۋە تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ چۈشەندۈردى، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سىگنال تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلىدى.

جۇڭگونىڭ پائال قاتنىشىشى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۈچ مەيدان يىغىندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا رەھبەرلەر خىتابنامىسى ھەمدە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى 2025» «2040 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇتراجايا ئارزۇسى» قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەر ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو مەيدانى ۋە كۆز قارىشى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىدىيەسى نامايان قىلىندى. خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچ مەيدان يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزى ھەم جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك تەشەببۇسلار ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھازىرقى كىرىزىستىن قۇتۇلۇشىنى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى دۇنيانى قايتا يارىتىش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

بىرىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 57 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى غايەت زور تەھدىتكە ئۇچرىدى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنى باشلامچىلىق بىلەن كونترول قىلغانلىقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى ئىدىيەسى ۋە كۆز قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلىدى. بىرىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىختىلاپنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئىدراكىي تۈگىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى تېزدىن مۇجەسسەملەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۈچىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەرگە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاچقۇچلۇق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال قوللاپ، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتىكى تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ساغلاملىق كودىنى خەلقئارادا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە توسۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.

خەلقئارا جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋاكسىنا مەسىلىسىگە قارىتا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ۋاكسىنا خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال قوللاپ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى يولغا قويۇش پىلانى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ۋاكسىنىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ، تىرىشىپ ۋاكسىنىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئىشلىتىدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جۇڭگو مەركىزىنى تەسىس قىلغانلىقىنى، بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ھەمكارلىشىپ زاۋۇت قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا ھوقۇق بېرىش، ئۆلچەمنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تېببىي دورا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، ئەنئەنىۋى تېببىي دورىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش جەھەتتىكى رولى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى كۆزقارىشى ۋە تەشەببۇسى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئىشەنچ قوشتى، بۇ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرىدىغان، ۋىرۇستىن پايدىلىنىپ نامىنى بۇلغايدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى، دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى كۆزلەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى خالايدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك باھاسى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

ئىككىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىياتى توغرىسىدا جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما تېز چېكىندى، ئادەم، ماللارنىڭ يۆتكىلىشى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىدى، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى زەربىگە ئۇچرىدى، ئادىللىق ۋە ئۈنۈم، ئېشىش ۋە تەقسىمات، تېخنىكا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يەر شارىۋىلىشىش جەريانىدا يىغىلىپ قالغان زىددىيەتلەر تېخىمۇ گەۋدىلەندى، بۇ يىل پۈتۈن يەرشارىدا زىيادە نامراتلىق نىسبىتىدە 20 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆرلەش كۆرۈلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن يەر شارىدا نامراتلار سانىنى ئازايتىش نىشانىنى قانداق ئالغا سىلجىتىش ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق تېما. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىريۈرۈش جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت چوڭ ئاچقۇچلۇق سۆز بار، بۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوچۇق، ئىجادىي، سىغدۇرۇشچان، يېشىل بولۇشتىن ئىبارەت.

بىرىنچى، ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرىقى جۇڭگو لايىھەسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەت تەشەببۇسى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرلەرمۇ بار، بۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش ئېقىمىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە باب كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قېزىش، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈچۈن بوشلۇق ئېچىش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن بەخت - سائادەت يارىتىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

ئۈچىنچى، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇمنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى نۇقسان ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى. 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى ئاساسلىق مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2008 - يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش ساھەسىدە تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 20 دۆلەت گۇرۇھى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ۋەزىپە قانداق قىلغاندا يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىشتىكى پىرىنسىپال كۆز قارىشىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.

بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشى ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملىشىنى قوللاپ، يەر شارىۋى بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىش، يەر شارىۋى ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئىككىنچى، قائىدە، مېخانىزم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قائىدە ئاساس قىلىنغان، ئاشكارا، كەمسىتىش بولمىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقلىقى ۋە نوپۇزلۇقلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىشنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە بوشلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا ۋەزىيەتنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك نورمىنى تەكشۈرۈشىنى قەرەلىدە تاماملاپ، ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنىڭ رولىنى كېڭەيتىپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. رەقەملىك ساھەنى ئىدارە قىلىش يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ساھە بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتتە بوشلۇق مەۋجۇت. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، رەقەمدىكى ھاڭ، شەخسىي مەخپىيەتلىك، ئەخلاق - ئېتىكا قاتارلىق جەھەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئالدىدا، ئادەم مەركەز قىلىنغان، پاكىت ئاساس قىلىنغان سىياسەت يۆنىلىشىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىپ، ئوچۇق، ئادىل، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ جەھەتتە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ھەم ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ «يەر شارىۋى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى تەشەببۇسى»نى ئاساس قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يەر شارىۋى رەقەملىك ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تۈزۈپ، ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان شەكىلنى قوللاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ئۆلچىمى ۋە پىرىنسىپىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق بۇرۇلۇش مەزگىلىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بىر قېتىملىقى بولۇپ، ئىلگىرى 2016 - يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش قارىشى، 2017 - يىلى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا شەرھلىگەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولدى ھەم خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا ئاساسەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى، بۇ، ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى يەر شارىۋى ئىقتىساد ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىدە مۇھىم يېتەكلەش رولىغا ئىگە.

تۆتىنچى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەر شارىۋى تەسىرگە ئىگە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى بىر ئاكتىپ، ئىجابىي كۈچ. كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ باراۋەر، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ساداسىنى گەۋدىلەندۈردى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە، كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بۇ يىل مۇسبەت ئېشىش ھالىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ خىرىسىنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ.

شۇڭا رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغدىشى، يەككە تەرەپلىمىلىك جازالاش ۋە «ھوقۇق تەۋەلىكىدىن ھالقىپ باشقۇرۇش»قا قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئىدېئولوگىيەدىن ھالقىپ، بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئىقتىساد ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. تېخىمۇ باراۋەر، تەڭپۇڭ بولغان يەر شارىۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ تەشەببۇسلار بارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق ئارزۇ - تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلاشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش قىممەت ئىنتىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

جۇڭگو ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېزدىن يۇقۇمنى تىزگىنلىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو كارخانىلىرى رۇسىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋاكسىنىنىڭ 3 - قارارلىق كىلىنىكىلىق سىنىقىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، يەنە جەنۇبىي ئافرىقا، ھىندىستان بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئېھتىياجى بار كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى پائال ئويلىشىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئېغىر، زور كىرىزىس ئالدىدا، جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ھەمراھلىق روھىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق شەرھلەپ چۈشەندۈردى.

يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىنى يېڭىش ئۈچۈن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىساد - سودا - مالىيە - پۇل مۇئامىلە، سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت ئالاقىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ چاق ئارقىلىق قوزغىتىش» ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىشتەك ئىجابىي يۈزلىنىشنى ساقلاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىمۇ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر قاتار ئەمەلىي ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىساد - سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمراھلىق ئىستراتېگىيەسى 2025»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئەزا كۆپەيتىش سۆھبىتىنى تېزلىتىش كېرەك. سىياسىي خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقىنى ساقلاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، ھارارىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو تەرەپ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرىدۇ، سىن شەكلىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ ھەم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئايال سودا - سانائەتچىلەر ئىتتىپاقى رامكىسى ئىچىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئاياللار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشتى.

بەشىنچى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى قارشى ئېقىمغا ئۇچراپ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق كۈچەيگەن ئەھۋالدا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىقتىسادىي بۆلەك بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈنسېرى يەر شارىۋى قايتا جانلىنىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئۈمىدىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بوگور نىشانىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، 2020 - يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى تۈزۈشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، بۇ، رايوننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايون ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەشەببۇسچىسى، قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى بولغان جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلماقتا.

رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىدىيە تەشەببۇسى ۋە چوڭقۇر ئىچكى ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئەزەلدىن نۆل نەتىجىلىك كۈچ سىنىشىش، بىرى يېڭىدىغان، يەنە بىرى يېڭىلىدىغان سىياسىي ئويۇن بولماستىن، بەلكى ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات سۇپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر پەقەت ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئاساسىدا زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت تورتنى چوڭ ياساپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەقىقىي پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى داۋاملىق ئېقىمنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، 2020 - يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، خادىملار، مال، مەبلەغ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالاشنى تاماملاشنى قارشى ئالىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى پائال ئويلىشىدۇ. بۇ مۇھىم جاكارلاش جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پائال قوللىشى، تۈرتكە بولۇشى بىلەن، بۇ يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىدا ئىستراتېگىيەلىك نەزەرگە ۋە يۈكسەك ئۇلۇغۋار سەۋىيەگە ئىگە 2020 - يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلى(يەنى «2040 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇتراجايا ئارزۇسى») ئوڭۇشلۇق ماقۇللىنىپ، 2040 - يىلى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانى بېكىتىلدى، بۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، ئاسىيا - تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللايدۇ، باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا يىلتىز تارتىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى قۇرىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا بەخت يارىتىدۇ.

ئالتىنچى، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى شەرھلەندى

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: يېقىندا، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۈچ مەيدان يىغىن مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدىغانلىقى، قانداق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىدىغانلىقى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ دۇنياغا نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر شەرھلەپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلانغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى ۋە تەرەققىيات شارائىتىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تولۇق ئويلىشىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. ئاساسلىق مەقسەت شۇكى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزاق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەنلىكى، جۇڭگونىڭ ھەرگىزمۇ تارىختىكى كونا يولدا ماڭمايدىغانلىقى، «ئالاقىنى ئۈزۈش» ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «گۇرۇھۋازلىق»نى كۆزلىمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ھەرگىزمۇ يېپىق ئىچكى ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى بازار بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، دەپ ئېنىق بىلدۈردى ھەم جۇڭگو بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە، جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قوزغىتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج يارىتىپ بېرىلىدۇ؛ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى يەنىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىلىدۇ؛ جۇڭگونىڭ تاشقى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ھەمكارلىق يولى، ساغلاملىق يولى، قايتا جانلىنىش يولى، ئېشىش يولىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ.

ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ مەيدان يىغىندا بىر قاتار نۇقتىئىنەزەر، كۆز قاراش ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلىغان، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشىلانغان جۇڭگونى؛ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغان، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلغان جۇڭگونى؛ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگونى؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتقان جۇڭگونى؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، دۇنيا خەلقلىرى بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان جۇڭگونى نامايان قىلدى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ قانداق تەڭشىلىشىدىن قەتئىينەزەر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ كېتىۋاتقان قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. مەيلى قانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، قانداق قاتمۇقات توسالغۇلارغا دۇچ كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كۆپ تەرەپچىللىكنى چىڭ ساقلاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.