تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدايلى ۋە ئىلگىرى سۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

قانۇنچىللىق مۇكەممەل قانۇن سىستېمىسى، مۇكەممەل قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى، ئومۇميۈزلۈك قانۇنغا رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ: ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ روھى ۋە جېنى، دەپ كۆرسەتتى، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

ئادىللىق، ھەققانىيلىق پارتىيەمىز ئىنتىلىدىغان ئىنتايىن يۈكسەك قىممەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، «ئادىللىق قانۇنچىللىقنىڭ جان تومۇرى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، «مەيلى قانداق تەرەققىيات سەۋىيەسىدە تۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، تۈزۈمنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى، «قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنى ھەربىر دېلو بېجىرىشتىن، ھەربىر ئىشنى بىرتەرەپ قىلىشتىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى ياخشى تۇتۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى قانۇن بويىچە تۈزىتىپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشنى جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى خەلق، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش.» دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپى كۈنسېرى ئاشتى. خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ ۋە ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىدىن ئىبارەت بۇ قانۇنچىللىق قىممەت ئىنتىلىشىنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق نۇرى ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلبىنى يورۇتۇش كېرەك.

دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى جەزمەن جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇققا قائىدە بەلگىلەپ، چەك - چېگرا بەلگىلەپ، مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك، كاپالەت خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى كۈچەپ تۈگىتىپ، ئوچۇق، ھەرىكەت ھالىتىدىكى، ئېنىق، خەلققە قولايلىق بولغان ئاشكارا قانۇن يۈرگۈزۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، قېلىپلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان چەك قويۇش - نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە قەتئىي زەربە بېرىپ، شەھەر - يېزىلارنى تېخىمۇ تىنچ، ئاممىنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭ چياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم يولى ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا «جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش»نىڭ مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا «سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، قانۇنچىللىقنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش» ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى