تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى

11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، بېيجىڭدا سىن شەكلىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، ئېلاستىكلىققا ئىگە كەلگۈسىنى يارىتىشتا، يەر شارىۋى نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئىنتايىن مۇھىم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا، بىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا موھتاج.

بىرىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭ سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يۇقۇم سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ھەم قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى زۆرۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ياخشى خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. تاموژنا بېجى ۋە غەيرىي تاموژنا بېجى توسۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، سودا ئارقىلىق نامراتلار سانىنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەر شارىۋى چوڭ بازارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. رەقەمنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ئاياللار، ياشلار قاتارلىق ئاجىزلار توپىنى تېخىمۇ كۆپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پات يېقىندا مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا 700 مىليوندىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70تىن ئاشتى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن يىراق تۇرىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل دۇنيانى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنى يېڭىشىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەمدىكى ھاڭنى كىچىكلىتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئاياللار ۋە ياشلارغا تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلارغا كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

باشلىقلار يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى رىياد باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.