تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«ياڭاقچى قېرىنداش»لار بېيىش يولىغا بىللە ئاتلاندى

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، جاۋ ۋۇجۇڭ بىلەن مۇختەر تۇردى ياڭاقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا تۆكمەكتە.

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، جاۋ ۋۇجۇڭ بىلەن مۇختەر تۇردى ياڭاقلىقتا يەر ئاغدۇرماقتا.

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، جاۋ ۋۇجۇڭ (سولدىن 2-كىشى) بىلەن مۇختەر تۇردى (سولدىن 1-كىشى) كەنتتىكى ياشلار بىلەن بېيىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جوۋ پېڭ، جىڭ بو، جاۋ چاڭفۇ فوتوسى، خەۋىرى): «ئاكا، مەن بۈگۈن تىراكتورنى ھەيدەي، بىز بىللە يەرنى ئاغدۇرايلى، چۈشتە يەنە كېلەر يىلى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشەيلى.» 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى گولىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ ۋۇجۇڭ ئاكىسى مۇختەر تۇردىغا تېلېفون بەردى. جاۋ ۋۇجۇڭنىڭ شىنجاڭغا كەلگىنىگە 24 يىل بولغان بولۇپ، دەسلەپتە ئۇششاق ئىشلارنى قىلىپ، پاختا تېرىپ تىرىكچىلىك قىلغانىدى. 2000-يىلى، ئۇ گولىن كەنتىدە 35 مو ياڭاقلىقنى ھۆددىگە ئالغان ھەم بىر قېتىملىق تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشتە شۇ كەنتتىكى ھۆددىگەر مۇختەر بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، بېرىش-كېلىش قىلىش داۋامىدا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدى.

  2002-يىلى، بىر قېتىملىق كۈچلۈك بوراندا جاۋ ۋۇجۇڭ ھۆددىگە ئالغان ياڭاقلىق ئاپەتكە ئۇچرىدى. ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، مۇختەر ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن ئەكىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

  مۇختەرنىڭ باشقا كۈن چۈشكەندە قىلغان ياردىمىنى، جاۋ ۋۇجۇڭ ئۇنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ ئۆز كۆڭلىدە بۇرۇنلا مۇختەرنى ئاكام دەپ بىلەتتى. مۇختەرنىڭ تېرىغان ياڭاقلىرىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 100 كىلوگىرامدىن ئاشمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، جاۋ ۋۇجۇڭ دائىم مۇختەرنىڭ ياڭاقلىقىغا بېرىپ ياردەملىشىپ، ئۇنىڭغا تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. «ئۇنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىزنىڭ ياڭاقلىقىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 300 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، كىرىمىمىز نەچچە ھەسسە ئاشتى!» دېدى مۇختەر خۇشال ھالدا.

  جاۋ ۋۇجۇڭ بىلەن مۇختەرنىڭ دوستلۇقى شۇ جايدا تىللاردا داستان بولۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق «ياڭاقچى ئاكا-ئۇكا»غا ئايلاندى.

  بېيىغاندىن كېيىن بۇ ئىككىلىسى ناھىيە بازىرىدىن ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. «بىز بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكا، بىزنىڭ ئۆيدىكى 35 مو ياڭاقلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكى 25 مو ياڭاقلىقنى بىرلىكتە پەرۋىش قىلىمىز. بۇ يىل ياڭاقنىڭ باھاسى ياخشى بولدى، مۇختار ئاكام ئىككىمىز 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق. بىز تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىمىزنى يۇرتداشلارغا ئۆگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ بىرلىكتە بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەسلىھەتلەشتۇق» دېدى جاۋ ۋۇجۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى