11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچى ئاق قۇ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شىنجاڭ ئاخبارات لىنىيەسى تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن مىڭلياڭ، جوۋ بو): ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، بورتالا شەھىرىدىكى ئاق قۇ كۆلى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داكا قىلىدىغان جايىغا ئايلاندى. كىشىلەر سوغۇققا قارىماي، بەس-بەستە ئاق قۇلارنى تاماشا قىلغىلى، قار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، قىشتىكى دالا تۇرمۇشىنى ھېس قىلغىلى كېلىشتى.
قىش كىرگەندىن كېيىن، يۈزدىن ئارتۇق ئاق قۇ ئارقا-ئارقىدىن بورتالا ئاق قۇ كۆلىگە قىشلاش ئۈچۈن ئۇچۇپ كەلدى. بورتالا شەھىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بىلەن قاپلانغان ئېكولوگىيە شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئاق قۇلارغا ياخشى بولغان ياشاش مۇھىتى ياراتقانلىقتىن، ئۇدا 20 يىل ئاق قۇلار بۇ يەردە قىشلىدى. ئەڭ كۆپ بولغاندا 180دىن ئارتۇق ئاق قۇ قىشلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدى.