11-ئاينىڭ 20-كۈنى، دېشىڭ كەنتىدىكى دېقانلار پارنىكتا سۇدا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىلدىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكوۋ شەھىرى جاڭبېي ناھىيەسى شياۋئېرتەي بازىرى دېشىڭ كەنتى بېيجىڭدىن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، يەر كۆلىمى 65 مو كېلىدىغان سۇدا ئۆستۈرۈلىدىغان يەتتە كۆكتات پارنىكى ياسىدى. نۆۋەتتە، پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلار بازارغا سېلىنىپ، ھەر قايسى بازارلارغا سېتىلىپ، يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى تۈرگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېشىڭ كەنتى كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يورۇقلۇق ۋولت كەسپى، يېزا-كەنت ساياھىتىنى ئاساس قىلغان كەسپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.