تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ئارداق، جىڭ يۈەن فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرىدە گۈزەل تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى پەيدا بولدى، ھەممە يەر كۈمۈش رەڭگە كىردى، مەجنۇنتاللارغا كۈمۈش زىخچىلار ئېسىلىپ، دەرەخلەر قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ، قىران دەرياسى يۈزىدە قاتمۇ-قات نېپىز تۇمانلار لەيلەپ، بەئەينى چۆچەكلەردىكى قار-مۇز دۇنياسىغا ئوخشاپ قالدى.