تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

قاغىلىق ياڭىقىدىن مانا مۇشۇنداق تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز جاڭ جىلى، راھىدە

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسى كەنتىئىچى كەنتىدىكى يېزا - كەنت تاشيولىدا يول بويى كۈلكە - چاقچاق ساداسى ئۈزۈلمىدى، ئابدۇللا مەمەت، سەيدىئەخمەت ئابدۇقادىر، مەمتىمىن توختى قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياڭاقلىرىنى تىراكتورغا بېسىپ، بىللە ياڭاق ساتقىلى ماڭدى.

يولدا، ئابدۇللا ھەمراھلىرىغا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ياڭاقتىن ئالغان ھوسۇل بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى، ئۈزسەكلا ساتقىلى بولىدۇ. ياڭاقنى بالدۇرراق پۇلغا ئالماشتۇرساق، بىز يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپالايمىز».

ياڭاق سېتىش نۇقتىسى كەنتىئىچى كەنتىگە قوشنا بولغان ياربويى كەنتىدە ئىدى. ئابدۇللا ۋە باشقا كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە تاغار - تاغار پوستى ئاقلانمىغان ياڭاقنى ماشىنىدىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، جىڭدىن ئۆتكۈزۈپ پۇل ئېلىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. يېقىنلا جايدا، ياڭاق پوستىنى ئاقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى «گۈركىرەپ» ئايلىنىپ تۇراتتى، ياڭاقلار پوستى ئاقلانغاندىن كېيىن، يۇيۇش ماشىنىسىغا سېلىنىپ يۇيۇلۇۋاتاتتى.

«يەنىلا مۇشۇنداق بولسا قولايلىق بولىدىكەن. ئىلگىرى بىز ئۈزگەن ياڭاقلارنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ، ئاۋۋال دۆۋىلەپ پوستىنى قۇرۇتاتتۇق، ئاندىن بىر - بىرلەپ قول بىلەن ئاقلايتتۇق. قولىمىز قاپقارا بويالغانلىقىنى دېمەيلا قويايلى، ياڭاقنى پوستىدىن پاكىز ئاقلاپ قۇرۇتۇشقا تەخمىنەن ئىككى ئاي ۋاقىت كېتەتتى» دېدى سەيدىئەخمەت.

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەزەلدىنلا «جۇڭگودىكى ياڭاق ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار، پۈتۈن ناھىيەنىڭ باغ - ئورمانچىلىق كۆلىمى 800 مىڭ مو كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياڭاقلىق 580 مىڭ مو، يىلىغا 130 مىڭ توننا ياڭاق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، دېھقانلار ئۆستۈرگەن ياڭاقتىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2800 يۈەنگە يېقىن ساپ كىرىم قىلىدۇ. ھەر يىلى ياڭاق يىغىش پەسلىدە، نۇرغۇن كەنتتە ھەممە ئائىلە ياڭاق ئۈزۈش، قۇرۇتۇش ۋە سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يىل قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاق ئۆستۈرگۈچىلەر كەنتىئىچى كەنتى ئاھالىلىرىگە ئوخشاش ياڭاق يىغىش پەسلىنىڭ قىسقارغانلىقىنى، سېتىشنىڭ تېخىمۇ قولايلاشقانلىقىنى، ئىلگىرى تاشلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ گۆھەرگە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدى.

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى بەخت دەرياسى كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاغىلىق ياڭاق سودا مەركىزىدە، يۈك ئاپتوموبىلى، تىراكتور، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتلاردا توشۇپ كېلىنگەن ياڭاقلار سېتىش رايونىدىكى يۈك مەيدانىغا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى. مۇلازىمەت زالىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگىلى بولىدىغان سۇپىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7300 توننا ياڭاق سېتىۋېلىنغان، 6800 ئائىلىلىك دېھقان سودا قىلغىلى كەلگەن، سودا مەركىزى ئۆز ئالدىغا 5500 توننا ساتقان... پىششىقلاش رايونىدىكى ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئىشچىلار تاغار - تاغار «پوستلۇق» ياڭاقنى تەييار مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇۋاتاتتى.

«ئەگەر پەقەت پوستلۇق ياڭاقلا ساتسا، دېھقانلار ياڭاق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بىز زامانىۋى ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ياڭاقنىڭ ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىسراپچىلىق ۋە بۇلغىنىشنى ئازايتساق، يەنە بىر تەرەپتىن ياڭاق بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي ئاشۇردۇق» دېدى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى قاغىلىق ياڭاق سودا مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى فېي شىڭخۇا.

مۇخبىرلار سودا مەركىزىدىكى نۇرغۇن ئىشلەمچىنىڭ بەخت دەرياسى كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىن كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. ئىشلەمچى قۇرباننىسا ھىدايەت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ياڭاقنىڭ پوستىنى قولدا ئاقلىغاندا، بىر ئادەم بىر كۈندە 100 نەچچە كىلوگىرام ياڭاقنى بىر تەرەپ قىلالايتتى، ھازىرقى ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بىر كۈندە 1000 توننا ياڭاقنىڭ پوستىنى ئاقلىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پوستى ئاقلىنىپ قۇرۇتۇلغان ياڭاقنىڭ رەڭگى بىردەك، سىرتقى كۆرۈنۈشى پاكىز بولىدۇ.

فېي شىڭخۇا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ياڭاقنىڭ پوستىدا تاننىن مىقدارى يۇقىرى، پوستىنى ۋاقتىدا ئاقلىمىغاندا، ياڭاقنىڭ تەمىگە تەسىر يېتىدۇ؛ ئەگەر پوستىنى خالىغانچە تاشلىۋەتسە، يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغايدۇ. پىششىقلاش كارخانىلىرى ياڭاقنىڭ پوستىدىن تاننىن ئايرىپ، خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياڭاق مېغىزى پىششىقلاشتىن چىققان شاكالدىن ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كاربون پىششىقلاپ ئىشلەپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئېقىشنى توسۇش دورىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ ياڭاق شاكىلىنى ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى يېقىلغۇ قىلاتتى، كۆيدۈرگەندە ھاۋانى بۇلغايتتى.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى بىر تۈركۈم ياڭاق پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ناھىيەدە باشلامچى بولۇش، يېزىدا بازا بولۇش، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇشتەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «1 - كەسىپنى كەينى - كەينىدىن يولغا قويۇش، ياڭاقنىڭ ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىش»تەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. 300 مىڭ ئامما ياڭاق ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش، سېتىشنى چۆرىدەپ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرغان، ياڭاق كەسپى قاغىلىقتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلانغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە قاغىلىق ناھىيەسى 117 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان 41 يېزا - كەنت سېخىغا ياڭاق پوستىنى ئاقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ياڭاق يۇيۇش ماشىنىسى، قۇرۇتۇش ئۆيى يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرى، ياڭاق مېغىزىنى دەرىجىگە ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىق پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ سەپلەپ بەرگەن، 37 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا باغ - ئورمانچىلىق يۇمىلاق تەخسىلىك ھەرىسى (يۈرۈشلۈك تىراكتور)، ئاپتوماتىك ئۆرلەش - تۆۋەنلەش سۇپىسى، شاخ - شۇمبا ئېزىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ سەپلەپ بەرگەن. زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق ياڭاقنىڭ ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياڭاقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ۋە تاۋارلىشىش نىسبىتى ئاشۇرۇلۇپ، ياڭاق كەسپىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.