تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى

ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «14 - بەش يىل»نى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى پات يېقىندا باشلىنىدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە ئاچقان پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تارىخىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى قارار، تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، زىيالىيلارنى تەشكىللەپ، مەخسۇس تېمىدا تەتقىقات - مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل ئۇسۇلدا پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، كەڭ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى «ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش»نى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يانچۇق كىتابى»نى ياخشى تۈزۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش تېمىنى تەشۋىق قىلىش، ۋەزىيەتنى تەشۋىق قىلىش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، تىپلارنى تەشۋىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يىغىن روھىنى كارخانىلار، يېزىلار، ئورگانلار، مەكتەپلەر، مەھەللىلەر، ھەربىي گازارمىلار، تور بېكەتلەرگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. لېكسىيە پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، يىغىننىڭ روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، تەسىرلىك، جانلىق، ئاممىباب، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى، پىروگراممىسى ۋە مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ كونكرېت خىزمەت پىكرىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ماس تۇتاشتۇرۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياخشى پىلان تۈزۈش، ياخشى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش؛ خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش؛ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭ «13 - بەش يىل»نى تاماملاش، «14 - بەش يىل»نى پىلانلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى ئېغىر. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ۋە ئالاقىدار ئاساسلىق كۇرستىكى كۇرسانتلار لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.