تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن چۈەنگو مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى پېڭشىن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، تيەن ۋېن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان پائال تۆھپىسىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكى يولداشلارغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىلىرىدىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش نەمۇنىچىلىرىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش نەمۇنىچىلىرىدىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساھەسىنى كېڭەيتىپ، نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.