تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

20 دۆلەت گۇرۇھى يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى)

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كەچتە، بېيجىڭدا سىن شەكلىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى 15 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىك، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر بولۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت باشتىن كەچۈرۈۋاتقان 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئالدىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن يەر شارىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۆنىلىشىگە يېتەكلىدى. ھازىر، يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، خەلقئارا ئەندىزە تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. مەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە يەنىمۇ كۈچ چىقىرىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

بىرىنچى، يەر شارىۋى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە توسۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن ھەركىم ئۆزىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ھەم باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بايلىقنى ماسلاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈپ، ۋاكسىنىنى ئادىل، ئۈنۈملۈك تەقسىملىشىنى قوللاش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ۋاكسىنىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئىشلىتىدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇھىم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلىپ، خادىملارنىڭ تەرتىپلىك بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ قۇرغان ساغلاملىق كودى خەلقئارا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ داۋاملىق خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە مال ئوبوروتىنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە مېخانىزملاشقان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يەر شارىۋى ھەمكارلىق تورى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

ئۈچىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە رەقەملەشتۈرۈش ئۆزگىرىشى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقى ۋە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى ئۈچۈن ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، باج كىرىمى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ئاجىز كىشىلەر توپىغا ئېلىپ كېلىدىغان خىرىسىنى ھەل قىلىپ، رەقەمدىكى ھاڭنى تولدۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى قوللايدۇ ھەم ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار دۆلەتلەرگە قارىتا قەرزنى كېچىكتۈرۈش، قەرزنى كېمەيتىش سالمىقىنى زورايتىدۇ. ئاياللارنىڭ يۇقۇم تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ 2025 - يىلى يەر شارىۋى ئاياللار باشلىقلار يىغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇشنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلەر يىلى دۇنيا ئاشلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، مۇۋاپىق پەيتتە خەلقئارا ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىش يىغىنى ئېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

بىرىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئاساس قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، يەر شارىۋى بايلىقنى سەپەرۋەر قىلىپ، يەر شارىۋى ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىقتىسادنى يەر شارىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىدارە قىلىش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداش كېرەك. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە خەۋپسىزلىكى تورىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق، ئادىل، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان رەقەملىك تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ «يەر شارىۋى سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن يەر شارىۋى رەقەملىك ئىدارە قىلىش قائىدىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تۈزۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇۋاپىق پەيتتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئوچۇق ۋە سىغدۇرۇشچان شەكىلدە قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇل ئۆلچىمى ۋە پىرىنسىپىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزىدۇ.

تۆتىنچى، يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. كېلەر يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26 - قېتىملىق كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە 15 - قېتىملىق «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى زورايتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سودىلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىدۇ. بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق تۈگىتىپ، تالاش - تارتىشلارنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق پەسەيتىپ، ھەل قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «چۆكۈپ كەتسىمۇ بىر كېمە، كېتىۋېرەر باشقىسى، قۇرۇپ قالسىمۇ بىر دەرەخ، كۆكلەۋېرەر باشقىسى.» يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى دۇنيا جەزمەن سۇمۇرغقا ئوخشاش ئوتتا تاۋلىنىپ، يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بىز قول تۇتۇشۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولايلى.

باشلىقلار يىغىنىغا بۇ يىلقى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى سالمان رىياسەتچىلىك قىلدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ رەھبەرلىرى، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

رەھبەرلەر بۇ يىل 3 - ئايدىكى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيانقى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ۋاكسىنا خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللاپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئوچۇق، باراۋەر بولغان ۋە كەمسىتىش بولمىغان مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىساد ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى دۇنيانىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.