تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەچچە مىڭ يىللىق نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش

− شىنجاڭنىڭ تۈمەن چاقىرىملىق چېگراسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خاتىرىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ساۋ جىخېڭ، يۈ تاۋ، جۇۋ يې

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئەڭ ئاخىرقى ئون ناھىيەنىڭ «قالپىقىنى ئېلىۋېتىش»نى تەستىقلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى 32 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگىتىلدى.

دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدىغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە - ئاپتونوم رايون بولۇپ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

قەدىمدىن بۇيان، چېگرا رايون شائىرلىرىنىڭ قەلىمىدە غەربىي يۇرت چېگرا رايونى بىپايان چۆللۈك ۋە ئاجايىپ سىرلىق، جاپالىق ۋە ئېچىنىشلىق تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، ئوقۇغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلاتتى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرا رايونلىرىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

چېگرانى قوغداش:

تۇرمۇشتا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى مېھىر - مۇھەببەت ئۆزگەرمىدى

باش قىش مەزگىلىدە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسى تۇنجى قارنى كۈتۈۋالدى. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مارياڭ يېزىسى پىل كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، پۈتۈن كەنتتىكى چوڭ - كىچىك ھەممەيلەن دۆلەت بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلگەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق تاڭ قۇياشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئېگىزلىكتىكى كۆك ئاسماندا ئادەتتىن تاشقىرى يارقىن كۆرۈنەتتى.

دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، غۇجا سەيدۇك مەخسۇس چېگرا قوغدىغۇچىلارغا سەپلەپ بېرىلگەن موتوسىكلىتقا مىنىپ، كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاسفالت يولنى بويلاپ، ناھايىتى تېزلا تاغنىڭ كەينىدە غايىب بولدى. يولنىڭ بىر تەرىپى تىك ئېگىز تاغ، يەنە بىر تەرىپى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى ئىدى.

«يول راۋانلاشتى، بالىلار مەكتەپكە بارغاندا تۆگە مىنمەيدىغان، ئارقان بىلەن سىيرىلىپ چۈشمەيدىغان بولدى، ئوقۇش باشلانغاندا، ئاپتوبۇس بالىلارنى ئالغىلى كېلىدۇ، بالىلار جاپانى ئاز تارتسا، بىزمۇ خاتىرجەم بولىمىز» دېدى غۇجا.

2019 - يىلى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 207 مېتىر كېلىدىغان پىل كەنتى چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاغدىن چىقىش يولى تېخىمۇ قولايلاشتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچى 140 بولۇپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئىلگىرىكى يول يۈرۈش قىيىن بولۇش ياكى ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى تۈگىدى.

ئىلگىرى نامراتلىقتا داڭقى چىققان بۇ چېگرا تاغلىق كەنتى بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقنى خېلىلا ئارقىغا چۆرۈۋەتتى. غۇجىنىڭ ئۆيى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن كەنت بويىچە ئەڭ چەت - ياقىدىكى ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. «2016 - يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق!» غۇجا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەر ئايدا 2600 يۈەن مۇقىم كىرىمىم بار، ئائىلىمىزنىڭ يەنە ئاشلىق ۋە ئوتلاق ياردەم تولۇقلىمىسى بار، مېنىڭ ۋەزىپەم چېگرانى ياخشى قوغداش».

زېمىننى قوغداش، چېگرانى قوغداش پامىر ئېگىزلىكىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن بۇرچ. «بۇ يەردە، ئۇلارنىڭ قوغدايدىغىنى يالغۇز تاغ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئائىلە ۋە دۆلەت.» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فۇيوۋ مۇنداق دېدى: بىرقىسىم ياش - ئوتتۇرا ياشلىقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاغنى چىڭ قوغداشنى تەلەپ قىلدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى تاغدىن كۆچۈپ چۈشۈشنى تاللاپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، سېتىۋالدى ئىسمائىل بىلەن سۇلايمان ئىسمائىل ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن يەنىلا ئېگىزلىكتىكى نامرات چارۋىچىلاردىن ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ يۆلىشىدە، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاغدىن كۆچۈپ چۈشتى.

«ئىنىم 2017 - يىلى ئاۋۋال كۆچۈپ چۈشۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى، ئۇنىڭغا يەنە بىر نامراتلارنى يۆلەش پارنىكى تەقسىم قىلىپ بېرىلدى،» ئاكىسى سېتىۋالدى مۇنداق دېدى: «مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئىنىم قوغۇن ۋە كۆكتات تېرىشنى ئۆگىنىپ، شۇ يىلىلا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ئىككىنچى يىلىلا نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى».

2019 - يىلى ئەتىيازدا، ئاكىسىمۇ كۆچۈش ئىرادىسىگە كەلدى. «كىممۇ زامانىۋى گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ؟» سېتىۋالدى مۇنداق دېدى: ئېگىزلىكنىڭ مۇھىتى ناچار، داۋالاش - سەھىيە شارائىتى ناچار، نەچچە يىل بۇرۇن دادام تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك، ۋاقتىدا داۋالىنالماي ئۆلۈپ كەتكەن، «ئەگەر ھازىر بولغان بولسا، تامامەن قۇتقۇزۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى».

شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كوئېنلۇن جيايۈەن ۋە سىلۇ جيايۈەندىن ئىبارەت ئىككى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغلىق رايوندىن كۆچۈرۈلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيلىرىگە سۇ، توك، پار يەتكۈزۈلدى، ئولتۇراق رايون ئىچىگە يەنە دوختۇرخانا، يەسلى، پائالىيەت مەركىزى قاتارلىقلار سېلىندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزىلار، شەھەر - بازارلاردا نەچچە مىليون يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئامما خۇشاللىق بىلەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ داۋالاش ئەسلىھە شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا - بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

تىيانشاننىڭ شىمالى، ئالتاي تېغى تىزمىسىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى چىڭگىل ناھىيەسى جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگراسىغا يېقىن، تاغلىرى ئېگىز ھەم سوغۇق، قىش پەسلى ئۇزاق ھەم سوغۇق ئىدى. تۇپرىقىنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇشى چارۋىچىلارنى دائىم «سۇ، ئوت - چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىش»قا مەجبۇرلاپ كەلگەن، چىڭگىل ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، بىر يېڭى بازار چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا قەد كۆتۈردى، بىنالار يېپيېڭى بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق، قولايلىق ئىدى. بۇ يەر شىمالىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، 4000دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچى كۆچۈپ كىردى.

كەسىپنى گۈللەندۈرۈش:

ھەميان تومپايدى كاللا ئازاد بولدى

جۇڭگو - قازاقىستان چېگراسىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى دالىلارغا رەتلىك جىغان ئورمىنى تارقالغانىدى. رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى چۈچۈمەل بۇ ئۇششاق مېۋە بۈگۈنكى كۈندە شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن پۇرچاق»قا ئايلاندى.

دېھقان ئەمەر داۋۇت ئۆتكەن 45 يىلدا، بۇ تۇپراقتا جىغانغا ئوخشاش جاپالىق ياشاپ كەلگەن. «جىغاننىڭ بىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقماپتىكەنمىز» دېدى ئۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، جىغان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى. بىر يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جىغان كۆچەتزارلىق بازىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. ئەمەر داۋۇتمۇ «تىپ ئۆزگەرتىپ» كۆچەت ئۆستۈرگۈچى بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«<نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاپ>لا قالماستىن، يەنە كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى تەڭ ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەم بېيىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك» دېدى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۇن گويۈەن.

شىنجاڭنىڭ بىپايان چېگرا رايونىدا، خاس باقمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك... شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلگەن بۇ خاس كەسىپلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندى.

پاتىگۈل تۇرسۇن ھەر كۈنى ئەتىگەندە، پاكىز، رەتلىك خىزمەت كىيىمىنى كىيىپ، پىيادە ئون مىنۇت مېڭىپ خىزمەت قىلىدىغان زاۋۇت ئۆيىگە كېلىدۇ، بۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان يېمەكلىك پىششىقلاش كارخانىسى.

«ئىلگىرى ياڭاق بىلەن بادامنى پەقەت ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك دەپ قارايتتۇق، ھازىر بىز ئۆز قولىمىز بىلەن بۇ قۇرۇق مېۋىلەرنى پىششىقلاپ ئالىي ياغ ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرىمىز، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران قالدۇق.» پاتىگۈلنىڭ دېيىشىچە، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش كادىرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ بۇ كارخانا بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ ھېچقانداق تېخنىكىنى بىلمەيدىكەن، بىر يىلدىن بۇيان بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، سېختىكى تېخنىكا تايانچىغا ئايلىنىپتۇ، «ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن، ئائىلەم نامرات ئائىلە قالپىقىنى ئۈزۈل - كېسىل چۆرۈۋەتتى».

شىمالىي شىنجاڭدىكى چۆل - باياۋاندىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېگىزلىككىچە، ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش سېخى نۇرغۇن نامرات ئايالنى تۇنجى قېتىم «ئۆيىدىن چىقىپ»، كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى مائاشنى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى جەمئىي 170 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 600 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ساندىكىسى ئايال خىزمەتچى.

ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش:

ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلدى بەختكە قۇچاق ئاچتى

قورغاس ئەزەلدىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولىدىكى مۇھىم سودا شەھىرى بولۇپ، كولدۇرما ئاۋازى مىڭ يىل ياڭراپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، سودا كارۋانلىرىنىڭ ئورنىنى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالدى.

غەيۇر تۇراخۇن ئىلى دەرياسى جىلغىسىدىكى بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ ئاتا - بوۋىلىرىدىن قالغان ناۋايلىق ھۈنىرىنىڭ ئۇنى تاشقى سودا كارخانىسىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.

جۇڭگو ۋە قازاقىستان چېگرا پورتىدىكى قورغاس نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدا، زاۋۇت ئۆيى ئازادە، رەتلىك، پاكىز بولۇپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق توكلۇق تونۇرلار رەتلىك تىزىلغانىدى، ئىلغار رەقەملىك كونترول قىلىش سىستېمىسى تونۇرنىڭ ھارارىتىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، بىر نانغا قانچىلىك ئۇن، ياغ، خۇرۇج كېتىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بار ئىدى.

غەيۇر ۋە باشقا 500دىن ئارتۇق نامرات ئامما بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشتى، «ھازىر ئايلىق مائاشىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى يېرىم يىللىق كىرىمىمگە تەڭ،» غەيۇر مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە پۇل تاپالايمەن، يەنە زامانىۋى يېمەكلىك پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلەيمەن، نۇرغۇن دوستلۇرۇممۇ بۇ يەردە ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى».

تىرىشىپ «نامراتلىق»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ تاغنى يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قورغاس شەھىرى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات نوپۇسنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈردى.

پامىر ئېگىزلىكىدىكى باشقا جايدىن نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالە گۈلخان ئېزىز بۇ يىل ئاشخانا ئاچتى، بۇ ئاشخانا جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان سودا ئالاقىسى قىلىدىغان تورغات پورتىغا يېقىن بولغاچقا، بىر قىسىم چەت ئەللىك سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى. «ئۆزۈمنىڭ <پورتتىن نان تېپىپ> يېيەلىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن» دېدى ئۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى 138 ئائىلىلىك نامرات چارۋىچىنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە پورتنىڭ ئەتراپىغا كۆچۈرۈپ، دۇكان، بازار قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پورت بايلىقى ۋە رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بەردى.

گۈلخاننىڭ ئاشخانىسى دەل نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە ئېچىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشخانىدىن ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايدىكەن، ئېرى پورتتا ئامبار باشقۇرغۇچى بولۇپ ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدىكەن، «كۆچۈپ كەلگەن يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى».

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققان نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات نوپۇسلارغا قارىتا ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، ھازىرقى ياردەم بېرىش، يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى ساقلىنىدىكەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان ئاساستا يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قاتلاملار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىدىكەن.

شىنجاڭ نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، 25 مىليون چېگرا رايون ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى كۈچلۈك قوزغىتىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ يەنە يېڭى مۆجىزىلەرنى ياراتماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.