تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى

ئامىنە مامۇت:

كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى لىن

«مەن ھازىر پۈتۈن ۋۇجۇدۇم كۈچكە تولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن!» سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىش ئامىنە مامۇتنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولدى.

«9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 11 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە بىز پاختا تەردۇق، يېقىندا چىلان ئۈزۈۋاتىمىز، ئىزچىل بىكار تۇرمىدۇق.» 37 ياشلىق ئامىنەنىڭ سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل شادلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ئامىنە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غورۇچۆل بازىرى قۇمبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇ كەنت تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، يېرى ئۈنۈمسىز، ئادىمى كۆپ، يېرى ئاز ئىدى. «بىر ئائىلىدە تۆت جان، ئالتە مو يېرىمىز بار، ئىلگىرى پۈتۈنلەي يەر تېرىشقىلا تايىناتتۇق.» ئامىنە مۇنداق دېدى: ئالدىنقى بىر قانچە يىلدا پۇل تېپىش يوللىرى ئاز بولغاچقا، كۈنلىرىمىز غورىگىل ئۆتەتتى، 2014 - يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدۇق. 2017 - يىلى ئېرىم تۇرغۇن موللىتوختى تېرىقچىلىق قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلىنىپ، ئوڭ بىلىكى ئۇۋۇلۇپ سۇنۇپ كەتتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغان بولدى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى يالغۇز مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى.

«ئۆيدىكى ھەممە پۇلنى ئېرىمنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا ئىشلەتتۇق، ئائىلىمىز تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتتى.» ئاشۇ كۈنلەرنى تىلغا ئالغاندا ئامىنە ئىنتايىن مەيۈسلەندى. «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى تۇرمۇشقا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.» پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن، ئۇنىڭ كۈلكىسى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ، پىششىق بىلىدىغانلىرىنى توختىماي سۆزلەپ كەتتى: ئىككى بالام مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايمىز؛ ھۆكۈمەت يېڭى ئۆي سېلىشىمىزغا ياردەم بەردى، ھويلىمىزنى ئوڭشاپ بەردى، يەنە قوتان سېلىپ بەردى، 2017 - يىلى يەنە 20 تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويى ۋە يەم - خەشەك تارقىتىپ بەردى، مەن ئۆزۈم يەنە ئون تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويىنى ۋاكالىتەن باقتىم، بىر يىل مابەينىدە، بۇ قويلار كۆپىيىپ 41 بولدى؛ 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەن 30 تۇياق قوينى سېتىۋېتىپ، ئىككى كالا باقتىم.

ئامىنە ئاق كۆڭۈل، ئىشچان ئايال. 2018 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ قۇمبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۇدۇلىدا كىچىك بازار ئېچىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بىر يايما ئورنى ۋە كاۋاپدان بىلەن تەمىنلىدى. ئامىنە كاۋاپچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، يايما ئېچىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كاۋىپى تەملىك، باھاسى ئەرزان بولغاچقا، تىجارىتى ئىزچىل روناق تېپىپ، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق، ئامىنەنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ئامىنە يەنە بېيىش يولىغا قاراپ ئاتلانماقچى بولدى. بۇ يىل، ئامىنە بىلەن ئېرى ئىش تەقسىم قىلىۋېلىشتى، ئېرى ئۆيدە مەخسۇس باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى، ئۇ كەنتتىكى باشقا تۆت كىشى بىلەن كېۋەز تېرىيدىغان چوڭ ئائىلە ئۈچۈن 300 مو كېۋەزلىكنى باشقۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ بېرىدىغان بولدى، ھەر مو يەردىن 180 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى، ھېسابلاپ كۆرگەندە، كىشى بېشىغا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولاتتى.

ئون نەچچە كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن ئامىنە تۇيۇقسىز كەنتكە قايتىپ كەلدى. باشقىلارنىڭ خىيالىغا كەلمىگىنى شۇكى، بۇ قېتىم ئۇ ئائىلە تۇرمۇشىنى يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇردى: ئۇ كەنتتىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئۈچ يىللىق ھاۋالىلىك باشقۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، يېرىنى ئوبوروت قىلدى، بالىلىرىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا تاپشۇردى، ئۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە يەر باشقۇرۇشقا بارماقچى بولدى. ئەسلىدە، ئۇ ئائىلىسىنىڭ كىرىم ھېساباتىنى تەپسىلىي ھېسابلاپ چىققانىدى: يەر باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ بەش ئايدىلا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىكەن، بۇ يەنە 9 - ئايدىن كېيىنكى پاختا تېرىشتىن قىلىدىغان كىرىمگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن؛ يەر باشقۇرىدىغان بىر كەنت ئاھالىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكتىن، ئۇ ئېرىنى بىللە ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئېلىپ كەلدى، بۇنداق بولغاندا بىر - بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپلا قالماي، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىمۇ كۆپىيەتتى.

پىكىر يولى ئۆزگىرىۋېدى، بېيىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى. ھازىر، ئۇ ئېرى بىلەن 120 مو يەردىكى كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، يەنە بىرلىكتە پاختا تەردى، چىلان ئۈزدى. «مەن ھەر كۈنى 90 كىلوگىرامدىن 110 كىلوگىرامغىچە پاختا تېرىيمەن، ئېرىم ھەر كۈنى 50 - 60 كىلوگىرام پاختا تېرىيدۇ، بىر كىلوگىرام پاختا تەرسەك، بىر كوي سەككىز مو كىرىم قىلالايمىز.» ئامىنە بارمىقىنى پۈكۈپ مۇنداق ھېسابات قىلدى: قوي، كالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، يەرنى ئوبوروت قىلىشتىن كىرگەن كىرىمنى قوشساق، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 40 نەچچە مىڭ يۈەن بوپتۇ. «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە، ئائىلىمىزمۇ ئارقىدا قالسا بولمايدۇ!» دېدى ئامىنە پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ قۇمبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ياڭ چياڭۋا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئامىنەنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى بىلەن، بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن كەنتتىن سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، 514 كىشىگە يەتتى، بۇ، پۈتۈن كەنتتىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدۇ؛ سىرتقا چىقالمايدىغان كەنت ئاھالىلىرى كەنتتە ئەمىن ئۆي سېلىش، يېزا - كەنت يوللىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، مۇشۇنداق قىلىپ پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى