تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 2020 جۇڭگو 5G+ سانائەت ئالاقە تورى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

تەبرىك خېتى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو 5G+ سانائەت ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش پەيتىدە، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

ھازىر، پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسېرى يېڭىلانماقتا. 5G بىلەن سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ، يۇقۇم تۇمانى قاپلىغان دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ھەممە شەيئىلەرنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇپ كەلگۈسىنى يارىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئەمەلىي گەۋدىگە ئېنېرگىيە بېغىشلاپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خۇبېي ۋۇخەندە ئېچىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 2020 جۇڭگو 5G+ سانائەت ئالاقە تورى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسېرى يېڭىلانماقتا. 5G بىلەن سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ، يۇقۇم تۇمانى قاپلىغان دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ھەممە شەيئىلەرنى تۇتاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇپ كەلگۈسىنى يارىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدىگە تېخىمۇ ياخشى ئېنېرگىيە بېغىشلاپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خۇبېي ۋۇخەندە ئېچىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باشلىنىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې سىنلىق ئۇلانما شەكلىدە شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5G+ سانائەت ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باش ۋەزىپە قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خۇبېينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلغار ياسىمىچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، پايدىلىق پۇرسەتنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوش ئايلىنىشتىكى ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، 5G+ سانائەت ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى جاۋ خوۋلىن يىغىندا سىنلىق سۆز قىلدى.

2020 جۇڭگو 5G+ سانائەت ئالاقە تورى يىغىنى تۇنجى قېتىم ئېچىلغان بولۇپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، بۇنىڭدا 5G ۋە سانائەت ئالاقە تورىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە خۇبېينىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى قايتا جانلىنىشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇش مەقسەت قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.