تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا ۋە پۇدۇڭنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، داۋاملىق چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىپ، 11دە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى، مۇھىم ئورنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، مۇھىم، زور مۇناسىۋىتى، مۇھىم كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يىغىن روھىنى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تەپەككۇر تەدبىرى ۋە جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتتىق جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سالماقنى زورايتىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

يىغىندا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى بويىچە، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تەييارلاش خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى.

شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.