تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭدا مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن بىناسى ئالدى زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكى يولداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، يېڭى دەۋر مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىن روھى تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار غايىسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماس ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، سۈن چۇنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، خۇاڭ كۇنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئورۇن ۋەكىللىرى، 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ ۋەكىللىرى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرى يىغىندا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.