تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27- قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا -تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى «2040 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇتراجايا ئارزۇسى»نى ماقۇللىدى ھەم توردا ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 27 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيا بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ يۈزلىنىشنى تېزلىتىۋەتتى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى يولىدا قانداق مېڭىش رايون تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2020 - يىلىدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەنزىلىنى ئېچىشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئېچىپ، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، ئېچىۋېتىلگەن - سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تىنچلىق، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالاشنى تاماملاشنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە قاتنىشىشنى پائال ئويلىشىدۇ. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئېشىش ئىستراتېگىيەسى ۋە سىغدۇرۇشچان ھەرىكەت قارالمىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىغدۇرۇشچان سودا ۋە سېلىنما مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىدىغان - ئاشۇرىدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى تېخنىكىنىڭ تارقىلىشى ۋە قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىساد ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوچۇق، ئادىل، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاقىل شەھەر يېتەكچى پىرىنسىپىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلىنىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ، رەقەملىك تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. كېلەر يىلى، جۇڭگو تەرەپ رەقەملىك نامراتلارنى ئازايتىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئۈچىنچى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خادىملار، مال، مەبلەغ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە خادىملارنىڭ يۆتكىلىش «قولايلىق يولى» ۋە مال «يېشىل يولى» قۇرۇلۇشىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يەر شارى ۋە رايونلار كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان ئايلىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدۇ.

تۆتىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، رايون ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش ئاساسىدا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قوغداپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاكسىنا، ئاممىۋى سەھىيە، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيا - تىنچ ئوكياننىڭ تىنچ، گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

يىغىنغا مالايسىيا زۇڭلىسى مۇھىدىن رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ باش تېمىسى «خەلقنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، چىداملىق ۋە قەيسەر بولغان، گۈللەنگەن كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنەيلى». يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە 2020 - يىلىدىن كېيىن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق مەنزىلىنى چۆرىدەپ كۆز قاراشلىرىنى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، پائال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خىرىسى ئالدىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر باشقىچە پىكىردە بولماستىن بەلكى ئوخشاشلىقنى ساقلىشى كېرەك، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنى قولايلاشتۇرۇپ، كىرىزىس ئۈستىدىن تېزرەك غالىب كېلىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىپ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. باراۋەر ھەمراھ بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى روھىغا ئەمەل قىلىپ، سودا سېلىنمىسى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىق ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللاپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئەركىن، ئوچۇق، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان، ئاشكارا ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا سېلىنمىسى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، 2040 - يىلى ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، چىداملىق ۋە قەيسەر، تىنچ بولغان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك.

يىغىندا «2040 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇتراجايا ئارزۇسى» ماقۇللاندى، «2020 - يىل ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى كۇئالا لۇمپۇر خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.